2012-02-05- كۈنى نامايىش ئۇقتۇرۇشى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! قانخور خىتاي ھاكىمىيىتى 1997-يىلى 5 فېۋرال كۈنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2012-5 فېۋرال كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇردى. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
نامايىش ۋاقتى: 2012-يىلى 02- ئاينىڭ 05- كۈنى، سائەت 12:00 دە باشلىنىدۇ.
ئورنى: ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى.
Lidovägen 8, 115 25 Stockholm
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن
سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندىن بۇيان خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا چىدىمىغان ياشلار ھەر-خىل يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى كۈنسىرى ئاشماقتا، يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك، دۇنيانىڭ چاقى ئۇيغۇرغا تەتۈر چۆگىلەۋاتقاندەك يېقىندا شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن ئىككى ئۇيغۇرنى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ
ئۇيغۇر مائارىپ
ئۇيۇشمىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى « رابىت ئىسلام » تەشكىلاتىنىڭ
31-نۆۋەتلىك يىغىنى شىۋېتسىيەدە 2011-يىلى 24 – دېكابردىن 26-دېكابرغىچە 3 كۈن داۋام قىلدى. يىغىننىڭ تاماق زالىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، كۆرگەزمە زالىدىن بېرىلگەن ئىككى ئۈستەللىك ئورۇنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان شىۋېتچە، ئەرەبچە ۋە ئېنگلىزچە كىتابلارنى ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك ئۈستەل بايرىقى ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ماركىسى « لوگو » سى بېسىلغان تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ .
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ
31- نۆۋەتلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ
بايرىقى مۇنبەرگە ئېسىلدى
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى « رابىت ئىسلام » نىڭ 2011-يىلى 24 —دېكابردىن 26- دېكابرغىچە داۋام قىلغان 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ 3- كۈنى 26- دېكابر دۈشەنبە، رابىتىل ئىسلامنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشقان سىراجىدىن ھاجىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەكرار سەھنىگە چىقتى.
سىراجىدىن ھاجىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى ( رابىتىل ئىسلام ) نىڭ 2011-يىلى 24- دېكابردىن 26- دېكابرغىچەئۆتكۈزگەن 31- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنغا شەرەپ مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى رادېئوسىنىڭ دېرىكتورى سىراجىددىن ئەزىزى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. ئالدى بىلەن مەخسۇس ئىشلەنگەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرىدىغان ئون مىنۇتلۇق ئەرەبچەھوجققەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.فىلىمنى كۆرگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى، ۋە شىۋېتسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتايدا تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ
شىمالى ياۋروپا ئىسلام
بىرلىكىنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن رەسمى
باشلاندى
شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى ( رابىت ئىسلام ) ھەر يىلى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە، بۇ يىلقى بۇ،يىغىن 31- نەۋتلىك يىغىن بولۇپ، يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى داڭلىق دىنى ئالىملار تەكلىپ قىلىندى.شۇ قاتارىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى
ستوكغولمدا ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىنىڭ 2- نۆۋەتلىك غەيرى رەسمى ئۇچرىشىش يىغىنى 2011-23-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دە شىۋېتسىيەدىكى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. تەپسىلاتىنى ئوقۇڭ
مەھمەت قاپلان ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيە
پارلامېنتىدا كۈتۈۋالدى




















