قايسى ياشتىكى كىشىلەر ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟


سۇئال:16 ياشلار چامىسىدىكى قارائىتى يېقىملىق بىر قارى قۇرئان بالىنىڭ ئادەملەرگە ئىمام بۇلۇپ ناماز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم،لېكىن بەزىلەرنىڭ دىشىچە ئۇ،بالىنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا توغرا بولمايدىكەن...بۇ،مەسىلىنىڭ ھۆكمى قانداق؟



مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە ئۆلكىسىدىكى (ئومەر ئابلىز)مەسچىتىنىڭ پېشقەدەم ئىمامى ۋە خەتىبى كامال خۇزەيرى ھەزرەتلىرى بۇ، مەسىلىگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىدۇ:

بۇ، مەسىلىگە قارىتا ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىپىدە ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازىبولسۇن) رىۋايەت قىلغان "لا يؤم الغلام حتي يحتلم" (ياش بالىلار بالاغەتكە يەتمىگۈچە ئىمام بۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈتۇيەممەيدۇ) دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن پەرز ۋە نەفلى نامازلاردا ياش بالىنىڭ چوڭلارغا ئىمام بۇلىشى ئۇچۇن ئۇنىڭ بالاغەتكە يەتكەن بۇلىشى شەرت قىلىنىدۇ.
ئىمام مالىكنىڭ مەزھىپىدە ياش بالىنىڭ پەرەز نامازلاردا ئىمام بۇلىشى ئۇچۇن ئۇنىڭ چوقۇم بالاغەتكە يەتكەن بۇلىشى شەرت.
نەپلى ( سۈننەت) نامازلاردا ياش بالىنىڭ ئىمام بۇلىشىغا قارىتا مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قارشى مەۋجۇت بۇلۇپ-ئىمام ئەھمەد بىنى ھەنبەل ياش بالىنىڭ پەرىز نامازلارغا ئىمام بۇلىشى ئۇچۇن ئۇنىڭ بالاغەتكە يېتىشىنى شەرت دەپ قارايدۇ،ئەمما سۈننەت نامازلاردا ئالاھىدە ئىمتىيازى بار بولغان بەزى ياش بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئىمام بۇلىشىنى جائىز دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئىمام شافى نىڭ مەزھىپىدە (سەھىھۇلبۇخارىدىكى) "البخاري أن عمرو بن سلمة كان يؤم علي عهد رسول الله- صلي الله عليه وسلم وهو ابن ست أو سبع" ئالتە-يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بالا، ئەمىر سەلىمىنىڭ ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا كىشىلەرگە ئىمام بولغانلىغى ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، ياش بالىنىڭ نە پەرەز، نە سۈننەت نامازلاردا باشقىلارغا ئىمام بۇلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بالاغەتكە يېتىشى شەرت قىلىنمىسىمۇ ،بالاغەتكە يەتكەن ياشلار بولۇپمۇ پېشقەدەملەر بار يەردە ،بالاغەت يېشىغا توشقانلارنىڭ بولۇپمۇ پېشقەدەملەرنىڭ ئىمام بۇلىشى ئەۋزەل دەپ كۆرسىتىلىدۇ.
ئىمام شاپىنىڭ (بالاغەتكە يەتكەن ياشلار بولۇپمۇ پېشقەدەملەر بار يەردە ،بالاغەت يېشىغا توشقانلارنىڭ بولۇپمۇ پېشقەدەملەرنىڭ ئىمام بۇلىشى ئەۋزەل)دېگەن قارىشىغا باشقا 3مەزھەپ ئالىملىرىمۇ بىرلىككە كەلگەن.

ئابدۇللاھ تەرجىمىسى.