خىتتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم قاتىل تېرورچىلارنىڭ شىۋېتسىيەگە كەلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدە نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
خىتاي تاشقى
ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ تور بېتىدە 12-مارت قىسقا بىر خەۋەر ئىلان قىلىنغان
بۇلۇپ،خەۋەردە دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىغىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ
رۇسىيە ۋە شىمالى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بۇلىدىغانلىغى ئىلگىرى
سۈرۈلگەن ئىدى.17-مارت كۈنى شىۋېتسىيە ئاخباراتىمۇ بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن
خەۋەر ئېلان قىلىپ شى جىنفىڭنىڭ شىۋېتسىيەگە 4 كۈنلۈك زىيارەتكە كىلىدىغانلىغىنى
ئاشكارىلىغان ئىدى.
بۇ، مۇناسىۋەت بىلەن شىۋىتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار تېلىپۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق قارار ماقۇللاپ شىۋېتسىيە ساقچى دائىرلىرىنىڭ يادىمى بىلەن ئالدىن ئەلا نامايىش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈ قويغان ئىدى.
شى جىنپىڭ باشىچلىغىدىكى مەزكۇر ئۆمەك پىنلاندىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇچۇردا دىيىلگەن قىياسى پىلاندىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 27-مارت شىۋېتسىيەنىڭ سانائەت شەھىرى بولغان يۆتىبوريىگە يىتىپ كىلىپ زىيارىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.
بۈگۈن يەنى 30-مارت شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى پىلانلىرى بويچە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر كومتېتىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىغىدا شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىغا يىغىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقى قىرغىن قىلغانلىق جىنايەتلىرىنى ئەمەلى پاكىتلار بىلەن خەلىق ئالەمگە ئۈزلۈكسىز جاكارلاش ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك كاززابلىغىنى شىۋېس خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا، شىۋېتسىيەنىڭ چەت شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق-ئۇزاق يوللارنى بېسىپ كىلىپ تۇلۇق قاتناشتى. ۋە ئۇيغۇرلاردىن باشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيدىن ۋەكىللەر ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ، ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ.
تۆۋەندىكى نامايىشتىن بىر قانچە كۈرنىشلەر.
بۇ يەردىن نامايىشنىڭ تەسىلاتىنى ئاڭلاڭ
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمى.