ستوكھولمدا خۇجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 18 يىللىقى خاتىرلەندى

 

ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجانغا بېسىپ كىرىشى 20-ئەسىردە يۇز بەرگەن چوڭ تىراگىدىيەلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەرمەن باسقۇنچى قۇراللىق ئارمىيىسى 1992-يىلى 26-فېۋرال ئەزەربەيجاننىڭ 7000مىڭ نەپەر نوپۇسقا ئىگە خۇجالى شەھىرىگە بېسىپ كىرگەن.باسقۇنچىلار،مەزكۇر شەھەردىكى باسقۇنچىلىققا قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋە بىلدۈرمىگەن بارلىق خەلق ۋە ئەسكەرلەرنى ئۇمۇميۇزلۇك قەتلىئام قىلىپ قىرىپ تاشلاپ رايۇننى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان.

خۇجالى قىرغىنچىلىقى ئەزەربەيجان تارىخىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز قارا بەتلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ،ئۇشبۇ قىرغىنچىلىق 106 نەپەر ئايال،63 نەپەر نارىسىدە بالا،70 نەپەر ياشانغان پېشقەدەم،لەردىن تەركىپ تاپقان جەمى613 نەپەر يەرلىك ئاممىنىڭ مەسۇم جانلىرىغا زامىن بولغاندىن سىرت،155 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى يىتىم قالدۇرغان.
چوڭ كىچىك بۇلۇپ487 نەپەر ئادەمنىڭ جاراھەتلىنىشىگە ۋە مېيىپ بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان.1275 نەپەر ئادەم ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ يۇرت سىرتىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان ،ۋە150 نەپەر ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.

دۇنيا جامائەتچىلىكنى ئەرمەن باسقۇنچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش ئارقىلىق بېسىۋېلىنغان ئەزەر زېمىنلىرىنىڭ ۋەتەن قوينىغا تىزراق قايتىپ كىلىشىنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئەزەربەيجانلىقلار بۈگۈن 27-پىۋرال خۇجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرلەپ ستوكھولمدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بۇلۇپ،ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئشلىرى مەسئۇلى ھاجى ئەخمەتجان نامايىشتا سۆز قىلدى

 

 

 

 

 

 

 

ئۇ، مۇنداق دىدى:
سۈيۈملۇك ئەزەربەيجان خەلقى! بۇندىن18 يىل ئىلگىرى رۇس ۋە ئەرمەن ھۆكىمىتى تەرىپىدىن سىزلەرنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەن قەتلىئام ئۆتكەن يىلى 5-ئىيۇلدا خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭمۇ بېشىغا كەلدى.

كوممۇنىست رىجىمى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر ئاجىز مىللەتنىڭ ئوغلانى بۇلۇش سۈپۈتىم بىلەن 35 مىليون ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ،جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان  700نەپەر ئۇيغۇر نامىدىن نامايىشىڭىزلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن، ۋە ئەزەربەيجان زېمىننىڭ بالدۇرراق پۇتۇنلىنىشىگە تىلەكداشمەن.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلىمى