ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋىتسىيە يېشىللار پارتىسىنىڭ ھەمكارلىغىدا شىۋىتسىيە پارلامىنتىدا ئىپتارلىق بەردى

 


 

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋىتسىيە يېشىللار پارتىسىنىڭ ھەمكارلىغىدا شىۋىتسىيە پارلامىنتىدا ئىپتارلىق بەردى

ئەسلى تۈرۈك مىللىتىدىن كىلىپ چىققان مۇسۇلمان مەھمەت قاپلان ئەپەندى، 2006-يىلى يېشىللار پارتىسى تەرپىدىن مىللەت ۋەكىلى بۇلۇپ شىۋىتسىيە پارلامىنتىغا كىرگەندىن بۇيان ئۇدا ئىككى قېتىم پارلامىنتتا ئىپتارلىق زىياپىتى ئۇرۇنلاشتۇروپ كەلگەن ئدى.
بۇ يىلمۇ، ئۇ 16- سىنتەبىر كۈنى پارلامىنت بىناسىنىڭ نوبىس سارىيغا شىۋىتسىيەدىكى 7 چوڭ پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرىنى ،شىۋىتسىيە پارلامىنت باشلىغى ياردەمچىسى بەرگىتتا سەللىن خانىمنى تەكلىپ قىلىپ ئىپتارلىق زىياپىتى بەردى. مەزكۇر ئىپتار زىياپىتىگە پارتيىە ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغاندىن سىرت يەنە شىۋىتسىيەدىكى ھەردەرجىلىك ئسلام جەمىيەت باشلىقلىرى،نۇپۇزلۇق شەخىسلەر،داڭلىق سىكولىرلاردىن بۇلوپ جەمئى 110 نەپەر ئادەم قاتناشتى.
مەھمەت قاپلان ئەپەندى ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى شىۋىس خەلقىگە تۇنۇتۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ، بۇ نەۋەتتىكى ئىپتار داستىخىنىنى شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن بىزەپ چىقتى،ۋە ئىپتار باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتتى.
ئىپتار زىياپىتىدىن كىيىن ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا ئەھەد ئەپەندى شىۋىتسىيە فارلامىنت باشلىغى ياردەمچىسى بەر گىتتا سەللىن خانىمغا 5-ئيۇل خاتىرىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شارپا، ۋە تۈركىستان، شىۋىس دوستلىغىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ئۈستەل بايرىغى قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىۋىس تىلىدا ھازىرلانغان 6 بەتلىك ( شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئۇمۇمى بايان) ناملىق كىتاپچە ھەر بىر مىھمانغا ئايرىم- ئايرىم تاقىتىپ بىرىلدى

 

بۇ يەردىن سىنئالغۇسىنى كۈرۈڭ


تەييارلىغۇچى
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمىدىن
تۇرغۇنجان ھىمىت