دەرىس ئاخىرلاشتۇرۇش پائالىيتى

 

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ­(مەخمۇت قەشقىرى مەكتىپى)  ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ  شىۋېتسىيەدە  ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە كۈندىن- كۈنگە گۈللىنىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، تۆت يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيە تەۋەسىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرى ئۈچۈن تەرەپسىز ھالدا ئىزچىل ۋە سەمىيمى خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

مەكتەپتە بۇرۇندىن باشلاپ يىلىغا ئىككى ماۋسۇملۇق دەرس پىروگراممىسى بار، مەكتەپنىڭ بىرىنجى ماۋسۇملۇق دەرىس پىروگراممىسى ھەر يىلى يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا باشلىنىپ ماي ئېيىنىڭ ئاخىردا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ھەرماۋسۇملۇق دەرىس ئاخىرلاشقاندا شۇ، ماۋسۇملۇق دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ يىلقى بىرىنجى ماۋسۇملۇق دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش پائالىيتى 27-ماي پەيشەمبە كەچ سائەت 6بىلەن9 ئارلىغىدا مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرى ۋە كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مەكتەپكە يېقىن جايدىكى تېنىستا رايۇنىغا تەۋە بولغان سەنئەت زالىدا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئاساسلىرى ياخشى ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارنى ۋە مۇنەۋۋەر ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنى تەقدىرلەش ئارقىلىق ئۆسمۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە رىقابەتلىشىش ئاڭلىرىنى ئويغۇتۇش ئۈستىگە مەركەزلەشتى. پائالىيەتكە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پائالىيەتكە بولغان قىزغىنلىقلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قاتناشچىلىرىغا ھەقسىز تەلەي يۇلتۇزى مۇكاپات چېكى تارقىتىلدى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ ئەھەد باشتىن ئاخىر رىياسەتچىلىك قىلدى.

 

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمى