
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-08-03- كۈنى روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولۇپ جامائەتلەر ئۆي-ئۆيلەرگە ھېيت پەتىسى قىلدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ستوكھولمدىكى تېنىستا رايونىدىكى كۈتۈپخانا زالىدا ھېيت داستىخىنى سېلىنىپ روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى روزا ھېيت پائالىيىتىگە ستوكھولم ئەتىراپىدىكى ۋە باشقا شەھەرلەردىنمۇ كەلگەن بولۇپ، ئەر- ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
ھېيت پائالىيىتىگە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئابدۇل ئەھەت رىياسەتچىلىك قىلدى. ھېيت پائالىيىتى قۇرئان كەرىم بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مالىيىگە مەسئۇل قېرىندىشىمىز ئىبراھىم قۇرئان كەرىمنىڭ تابارەك سۇرىسىدىن ئۈچ ئايەت تىلاۋەت قىلدى.
بۇ يىل بىر ئاي رامزاندا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان بولۇپ، تەراۋىھ نامىزىنى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرئان كەرىم ئوقۇتقۇچىسى ياسىن قارىم ئوقۇتقان ئىدى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن، ئۇيۇشما نامىدىن رەخمەت ئېيتتى ۋە ياسىن قارىغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگوسى بېسىلغان ئىستاكان ھەدىيە قىلدى.
ھېيت پروگراممىسى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قارمىقىدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچىسى ۋە ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇش، شېئىر ئوقۇش، ناخشا ئوقۇش نومۇرلىرى مېھمانلارنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇردى.
پروگرامما داۋامىدا، ستوكھولمدىكى ئەل- ئەزھەر ئىسلام مەكتىپىدە ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئوندىن كۆپ بالىلار ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ بالىلارغا مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماھىرە خانىم ئەل- ئەزھەر ئىسلام مەكتىپىدە ھەپتىدە تۆت سائەت ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە، ماھىرە خانىم بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئەلاچى ئوقۇغان تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى تارقىتىلدى، مۇكاپاتنى مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىمنىڭ ئايالى بەختىگۈل تارقىتىپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىردا، ھېيتقا قاتناشقان ئون سەككىز ياشتىن تۆۋەن 65 نەپەر بالىلارغا ھېيتلىق سوغا سۈپىتىدە چەك تارقىتىپ مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپات ئۈچۈن سېلىنغان بۇيۇملاردىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگوسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بېسىلغان مايكا، دىنى كىتاپ، قەلەم، ئاچقۇچ ئاسىدىغان يىپ، ئويۇنچۇق ماشىنا ۋە كەمپۈت قاتارلىقلار بولۇپ، بالىلارنىڭ تەلىيىنى سىناش ئۈچۈن ھەر- بىر قاپچۇققا ئوخشىمىغان مۇكاپات بۇيۇملىرى سېلىنغان بولۇپ، مۇكاپات ئالمىغان بىرمۇ بالا قالمىدى.
ئاخىردا مېھمانلار ھېيتلىق تاماق زىياپىتىدىن كېيىن، جامائەت توپلۇشۇپ زال ئىچىدە ناماز شامنى بىرگە ئوقۇپ ھەممەيلەن خوشال ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ھېيت پائالىيىتىنىڭ سىن فىلمىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
ئۇيۇشمىمىز تەرپىدىن 2009- يىلى ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى
ئۇيۇشمىمىز تەرپىدىن 2007- يىلى ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى