
قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇش ئېلانى
ئاخباراتلاردا
ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا كۈرە بۇ،يىلقى قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە جۈملىدىن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق مەسچىتلەردە بىردەك -6 نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگن سائەت 08:30 دە ئۇقۇلىشى مەلۇم بولماقتا. بۇ، مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئۇرۇنغا جەم بۇلۇپ قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا خۇتبە ئاڭلاش ئارزۇسىنى بۇ يىلمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئۆتكەن يىللىرى رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان ئەينى ئۇرۇننى بۇ نەۋەت يەنە تەييارلىدى.شىۋېتسىيەنىڭ يىراق يېقىن شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋاقىپ بۇلۇپ قېلىشىنى ۋە بۇ، ئىېلاننى ئۇقۇغان ھامان باشقا كورگەن بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى سۇرايمىز !
ئورنى
:Västerby Backe, 163 75 Spånga
دۇنيادىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق دىنى بايرىمىمىز بولغان مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى مۇھاجىرەت دىياردىمۇ مەنىلىك قۇتلۇقلاش، شۇنداقلا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە شەھەر ۋە رايونلاردا تارقاق ياشىشى ۋە ھەر بىرىنىڭ مەلۇم بىر خىزمەت ،ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلىشى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن بەلگىلىك تۇسالغۇلار ئارىسىدىن چىقىش يولى ئىزدەپ بار شەرت شارائىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ بالا چاقىلىرىمىزغا بايرامنىڭ خۇشاللىق تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ 7- نويابىر
دۈشەنبە كۈنى كەچ كوللېكتىپ ھالدا قۇربان ھېيت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز !ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئۇشبۇ قۇربان ھېيت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيتى يىلدا بىر كەلگەچكە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆز- ئارا دىدارلىشىش، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆر- ئارا تونۇشۇپ كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان مەززىلىك قىزىق تاماقتىن بىرە تاۋاق كۈتۈرۈپ كېلىپ ھېيتلىق داستىخاننى بىز بىلەن بىرلىكتە بېيىتىپ ئۆسمۈرلىرىمىزگە مول بىر داستىخان ھازىرلىشىمىزغا ھەسسە قېتىڭ!
ئورنى :تېنىستا تىراپ
Hagstråket 13, 163 63 Spånga
ۋاقتى: 7- نويابىر كەچ سائەت 18:00 دىن 21:00 گىچە
ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
ئۇختۇرۇش سەھپىسى