2009-07-09- - كۈنى شىۋىتسىيەدە كەڭ كۈلەملىك نامايىش

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! 5- ئىيۇل خىتتاي باسمىچىلىرنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا نامايىشچىلارنى قۇراللىق باستۇرغانلىقىغا قارشى 2009-يىلى 07- ئاينىڭ 09- كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش بۇلۇنغان كۈنى شىۋىتسىيەدە قاتتىق يامغۇر ياغقان بولسىمۇ نامايىشچىلارنىڭ خىتتايغا بولغان نارازلىق غەزەپلىرى بوشىشىپ قالمىدى. نامايىش شۇنداق داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشتا، خىتتايغا قارشى خەتلەر يېزىلغان ھەر خىل لوزۇنكا- تاختايلار، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشنىڭ سۆرەتلىرى ئېلىپ چىقىلدى. نامايىش جەرياندا خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا بويالغان قىزىل بايرىغىدىن بىر قانچىسى كۆيدۈرۈلدى. نامايىشقا . ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈرك، ئەزەر، ئۆزبىك ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ كۆپلىگەن ئادەملەر قاتناشتى، ۋە ھەر مىللەتتىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى. ۋە بۇ نامايىشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

تۆۋەندىكى نامايىشتىن بىر قانچە كۈرنۈشلەر.

بۇ يەردىن نامايىشنىڭ سىنئالغۇسىنى كۈرۈڭ

تەييارلىغۇچى : ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى