5- نۆۋەتلىك بىرلەشمە نامايىش غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

 

شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 26-سىنتەبىر كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولۇمغا جايلاشقان مىدبوريارپلاتس مەيدانىغا توپلۇشۇپ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىق قىلىش ھەركەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا جەمىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۈڭۈل بۈلۈشكە چاقىرىش ئۈچۈن كەڭ كۈلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
شىۋىتسىيە تۈرۈك ئىشچىلار فىدراتسىيۇنى ۋە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ،
 نامايىشقا شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ،ۋە ئۆزبەگىستان ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى، ئەزەربەيجان بىرلىك جەمىيىتى، ئەزەربەيجان ئازاد مۇنبىرى جەمىيىتى، ئەزەربەيجان مۇساۋىمەت جەمىيىتى، غەربىي ئەزەربەيجان كونگىرىيسى، خىتتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىڭدىن سىرت شىۋىتسىيە يېشىللار پارتىيسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا: ئۇيغۇرلار، تۈرۈكلەر، ئازەرىلەر ،ئۆزبەكلەر،ئەرەبلەردىن بۇلۇپ 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.


نامايىشقا دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم ئۇيغۇرلىرىمىزدىن پارۇق سادىقۇف ئاكا ۋە ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا ئەھەد ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ نەۋەتتىكى نامايىشنى شىۋىتسىيە يېشىللار پارتىسى،خىتايدىكى ئنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش جەمىيتى،شىىۋىتسىيە ئازەرىلەر جەمىيەتلىرى فىدراتسىيۇنى قاتارلىق سىياسى پارتىيە ۋە ئورگانلار ئەمەلى قوللاپ ئۆزلىرىدىن ۋەكىل قاتناشتۇردى. ۋەكىللەر ئايرىم -ئايرىم سۆزگە چىقىپ ھەممە بىردەك خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان دىكتاتۇر بىر دۆلەت ئكەنلىگىنى ئەمەلى پاكىتلار نى ئورتىغا قۇيۇش ئارقىلىق ئسپاتلاپ تەنقىدلەشتى، ۋە ياۋرۇپا پارلامىنتىنىڭ نۆۋەتچى مەسئۇللىغىنى ئۆتەۋاتقان شىۋىتسىيە ھۈكۇمىتىنى باشلامچى بۇلۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۈڭۈل بۈلۈشكە ۋە زالىم خىتاي ھاكىمىيتىگە سىياسى بېسىم ئشلىتىشكە چاقىرىشتى.
كەڭ نامايىش ئشتىراكچىلىرى ھەر بىر ۋەكىلنىڭ سۈزى ئاخىرلاشقاندا مىكروفۇن بىلەن ئارلاپ-ئارلاپ (خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن! زۇراۋان خىتاي ھاكىمىتى دۇنيادىكى بىرىنجى دەرجىلىك تىرورچى، دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ مەيداننى زىلزىلىگە سالدى.
نامايىشتا ئشلىتىلگەن بايراقلارنىڭ ،شۇئار خەسىلىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كوپلىگى ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئىلغار مىدىئا ۋاسىتىسى ئارقىلىق توۋلىغان روھلۇق شۇئارلىرى يەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى
شىۋىتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 تە باشلانغان بۇ نامايىش داغدۇغۇلۇق ۋە قىزغىن كەيپىيات ئچىدە رەتلىك داۋاملىشىىپ سائەت 17:00 دە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
 

نامايىشنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى كۈرنۈشلەردىن كۆرۈڭ.

 

 "> "> ">

 

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمىدىن تۇرغۇن ھىمىت