ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! بۈگۈن 2009-10-13- كۈنى، خىتتاي قانخورلىرنىڭ 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەننى باھانە قىلىپ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى جىددى ھەركەتكە كېلىپ، خىتتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا غەزەبلىنىپ شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا خىتتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى نامايىش ناھايتى تىز بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋە نامايىش ئىش كۈنىگە توغىرلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ۋەتەنپەرۋەر، ئۆز قېرىنداشلىرىغا كۈيىنىدىغان، دۈشمىنىگە بولغان مەيدانى ئېنىق بولغان قېرىنداشلىرمىزنىڭ كىلىشى بىلەن نامايىش ناھايتى جانلىق ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلانمۇ ئىشتىراك قىلدى.
نامايىش شىۋېتسىيە ۋاختى : چۈشتىن كېيىن سائەت 2 -3 گىچە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ 1 سائەتلىك نامايىش ناھايتى جانلىق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.
ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋېقات بۈلۈمى