شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقۇدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

شىۋىتسىيەدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۈندىن كۈنىگە ئېشىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارمۇ باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش باشلامچىلىق قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدا خۇتبە ئۇقۇلىدىغان بىرە مەسجىد ئېچىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىنىۋاتقان ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن شىۋىتسىيەدە ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى قۇرۇلدى، ۋە بۇ مەركەز قانۇنلۇق ھالدا شىۋىتسىيە ئسلام جەمىيەتلىرى بىرلىگىگە رەسمى ئەزا بولۇپ كىردى. ھازىر بۇ مەركەزنىڭ شىۋىتسىيەدە بىرە ئۇرۇندا مەسجىد ئېچىش ھۇقۇقى باربولسىمۇ ئەمما ئقتىسادى جەھەتلەردىكى يىتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر مەركەز بىرەر يەردە مەسجىد ئېچىشقا ھازىرچە ئالدىرمىدى

لىكىن نىمىلا بولمىسۇن بار شارائىتىدىن پايدىلنىپ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھەر قېتىملىق ھېيت نامازلىرىغا مۇناسىپ جايلارنى ئىجارىلاپ سېتىۋېلىپ بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدا ۋەز نەسىھەت ئاڭلىيالايدىغان شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ كەلدى

بۇ يىلقى رۇزا ھېيت نامىزىمۇ بۇ مەركەزنىڭ يىتەكلىشىدە بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلىشى بىلەن روزا ھېيىت نامىزى ئوقۇلغان ئىدى .

بۈگۈن يەنە  2009-11-23-كۈنى، مەزكۇر جەمىيەت شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە توپلاپ قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقۇدى. بۇ كۈن گەرىچە ئىش كۈنى بولسىمۇ نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئىشلىرىدىن ۋە مەكتەپلىرىدىن ئايرىلىپ ھېيىت نامىزىغا قاتناشتى.  ۋە نامازدىن كىيىن ھېيىتلىق داستىرخان ھازىرلىنىپ پائالىيىتىنى باشلىدى. كىيىن جامائەت توپلىشىپ ئۆي- ئۆيلەرگە بېرىپ ھېيىت پەتىسى قىلدى.

تۆۋەندىكى ھېيىت ناماز خۇتبىسىدىن بىر قانچە كۈرنۈشلەر.

تۆۋەندىكى قۇربان ھېيىت ناماز خۇتبىسىنى ئاڭلاڭ

 

 
 


ھۆرمەت بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى