شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ماخمۇت قەشقىرى مەكتىپى ياز مەۋسۇملۇق تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.


2007-
يىلى 6- ئايدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ مەكتەپ قاتارىغا تىزىملانغان ماخمۇت قەشقىرى مەكتىپى، قۇرۇلغان تارىختىن باشلاپ شىۋېتسىيە مائارىپى ئاساسى قانۇنى بۇيىچە ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىش پرنىسپدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ئوقۇتۇشنى دائىملىق ئىختىيارى ئەركىن ئازادە تەرتىپ بويىچە باشقۇرۇشنى پەيدىن-پەي كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش تەرتىپنى ياخشىلاش نىشانىنى كۈندىن- كۈنگە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
قىسقىغىنا ئۈچ يىل جەريانىدا چەكلىك شەرت- شارائىتلار، ۋە ئاز مىقداردىكى ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شىۋېتسىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزلۈكىدىن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پىدائىيلار قوشۇنلىرىنى قايىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاناتىل، مىللى مەدەنىيەت، ئىسلام دىينىدىن ئاساسى ساۋات، قاتارلىق 3 كە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئاتا- بالىلارنىڭ چوڭقۇر ئىشەنجىلىرىگە ئېرىشتى. ۋە ئۇلارنىڭ، بۇجەھەتلەردىكى ئاساسلىق ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.

بۇ، مەكتەپتە ھازىرغىچىلىك تىل، ئەدەبىيات، ئەخلاق، ۋە دىندىن ساۋات دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ. يەنە ئۇيغۇر تارىخى، جۇغراپىيە دەرىسلىرىمۇ قۇشۇمچە ئۆتۈلىدۇ .ھەر يىلىدا مەكتەپتە ئۈچ قارار كۇرس بار بولۇپ. بۇ، كۇرسلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈكرەك بولغىنى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ 20-ئىيۇن بىلەن 8- ئاۋغۇست ئارىلىقىدا كۈنىگە 4 سائەت ھەپتىسىگە 5 كۈن ئۇدا داۋام قىلىدىغان مەشھۇر ياز مەۋسۇمى كۇرسىدۇر. ماخمۇت قەشقىرى مەكتىپى بۇ، يىلمۇ مەزكۇر يازلىق كۇرسىنى تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆمەر ئەزىز، ئەكرەم قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللۇقلىرىدا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كۇرسقا شىۋېتسىيە ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى كۆپ ساندىكى ياش ئۆسمۈرلەر قاتناشقاندىن سىرت يەنە قوشنا دۆلەتتە ياشىغۇچى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ چېگرا ئاتلاپ كىلىپ قاتناشتى.

 

دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى ماخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ دەرس ئوقۇۋاتقان كۆرنۈشىدە بولسۇن.

 

 

 

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى