شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1- ئۆكتەبىر نامايىش قىلدى
خىتاي كومپارتىيسى ھەر يىلى 1- ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بىكىتكەن بولۇپ ئۇلار بۇ بايرامغا ھەر يىلى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدۇ. باشقىلارنىڭ زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ۋە يەرلىك ئاممىنىڭ ھەر تۈرلۈك كىشلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھارام نەتىجىلىرىنى تاتلىق سۆزلەر بىلەن پەدازلاپ تەشۋىق قىلىدۇ.
دىكتاتورلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان پاشىست دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ دۆلەت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، تىبەتلىكلەرگە ۋە موڭغۇللارغا مەجنۇرى ھالدا قورال كۈچى بىلەن تاڭىدۇ.
خىتاي كومپارتىيسى ئۈچۈن بايرام ھىساپلانغان بۇ كۈندە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ مۇستەملىكى ئاستىدىكى مىللەتلەر ھەر خىل يوسۇندا تەشكىللىنىپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قانخور خىتاي كومپارتىيسىنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا يەنجىلىپ ۋەيران بولغانلىقىدەك پاجىئەلىرىنى ئەسلەپ نامايىش قىلىدۇ.
بۇ نۆۋەت شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلىكلەر، شىۋېتسىيە موڭغۇل جەمىيىتى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تەشكىللىشىدە خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
غەزەپكە تولغان نامايىشچىلار “ خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن ” دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان خەسىلەرنى ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ھەر خىل سىياسىي مەزمۇندىكى شۇئارلارنى توۋلىدى.
نامايىش ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا باشلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
ئۇيغۇرلار تەرەپتىن نامايىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ياشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىجاتنىڭ بىلدۈرىشىچە: خىتاي كومپارتىيسىنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىغا قارشى سەپتە مۇستەملىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ نامايىش ئورۇنلاشتۇرىشى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەمىلى مەيدانىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن.
نامايىشنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىدىن كۆرنۈشلەر
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى