شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ”شاۋگەن ۋەقەسى“نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ”ئۇيغۇر تىلى تەشۋىقات كۇنى“ كۆرگەزمەپائالىيتى ئۆتكۇزدى.

 

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى بىر قىتىم شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ”ئۇيغۇر تىلى تەشۋىقات كۈنى“كۆرگەزمە پائالىتي ئۆتكۈزىدۇ. بۇ، يىلمۇ ئۇيۇشمىمىز مىھنەتكار ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 6ـ ئاينىڭ26-كۇنى شىۋىتسىينىڭ پايتەختى ستوكھولۇمنىڭ شىستا مەركىزى بازىرىدا ”4-نەۋەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەشۋىقات كۈنى“ كۆرگەزمە پائالىيتى ئۆتكۈزدى.

 

بۇ،نەۋەتتىكى كۆرگەزمە پائالىيەتتىمۇ ئادەتتىكىدەك شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئالاھىدە تەييارلىنىپ كىلىنگەن ھەرخىل ئۇيغۇر مىللى تائاملىرى، ئۇيغۇر تىل يىزىغىدىكى كىتاپ ژورناللار،ئۇيغۇر باش كىيىملىرى،شەرقى تۇركىستان دۆلەت بايرىقى، كۆرگەزمە قىلىندى.ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 26-ئيۇندا يۇز بەرگەن”شاۋگەن ۋەقەسى“نىڭ ھەقىيقى ماھىيتىنى ۋە 5-ئىيۇلدا مۇستەبىت خىتاي كۇمۇنسىت كۇچلىرى تەرپىدىن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىقلارنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان گەۋدىلىك سۆرەتلەرمۇ،كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدىنقى رېتىگە تىزىلىپ خىتاي دۆلىتىنى دىكتاتۇرلۇق تۇزۇم بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقان كۇمۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئاددى ئىسيانچى لۇكچەك پۇخرا قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ شەرقى تۇركىستاندا سادىر قىلغان  ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى ئىسپاتلىق پاش قىلىندى.ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش توغرىسىدا ھازىرلانغان ۋاراقچىلار تارقىتىلدى.

كۆرگەزمە پائالىيتىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلقىگە شىۋىس تىلدا ھازىرلانغان”شەرقى تۇركىستان ھەققىدە ئۇمۇمى بايان“ ناملىق سۇرەتلىك كىتاپتىن بىر نەچچە يۇز ى ئەزان باھادا سېتىپ بىرىلدى.شەرقى تۇركىستاننىڭ فاجىئەلىك ۋەزىيەتىلىرىدىن خەۋەردار بەزى زىيارەتچىلەر كۆرگەزمە پائالىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن سەمىمي مۇڭدىشىپ بۇ، خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممە دۆلەتلەردە ھەر يىلى بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۇزۇلىشىنىڭ زۇرۇرلىكى ۋە ئۇنىڭ سىياسى ئەھمىيتى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ لايىھەلەرنى بەردى ۋە بۇ، ھەقتە ئۆزلىرىنىڭمۇ قول قۇرۇشتۇروپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۇرۇشتى.

شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيسىنىڭ يۇقۇرى دەرجىلىك ئەمەلدارى(پارلامىنت ئەزاسى) مەھمەت قاپلان شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا قۇرۇلغان (شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق) گۇرپىسىغا ۋاكالىتەن بۇ، پائالىيەتكە ئائىلىسى بىلەن باشتىن ئاخىرى قاتنىشىپ پائالىيەت زىيارەتچىلىرىگە تۇركىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيتى ھەققىدە دوكىلات بەردى.

بۇ، پائالىيەتكە يەنە بىرىدەك رايۇنلۇق ئىسلام جەمىيتىنىڭ مەسئۇلى راپىت غۇجا ۋە شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلىرى جەمىيتىنىڭ باش كاتىپى گۇنەر خەييانلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەتنى كۇرۇپ تەسىرلەنگەن راپىت غۇجانىڭ ئادۇكات ئايالى ئۇزىنىڭ شىۋېتسىيە ستوكھولم رايۇنلۇق تەپتىش ئىدارىسىدە ئادۇكاتلىق قىلىدىغانلىغىنى ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئۇزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۇكاتقا بولغان ئىھتىياجلىرىنى قۇلىدىن كىلىشىچە قامداشقا تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

ئەتتىگەن سائەت10:00 دا باشلانغان بۇ، پائالىيەت كەچ سائەت 18:00 دە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

 

2010-يىلى26-ئىيۇن ستوكھولم