شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال غولجا ۋەقەسىنىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
بۈگۈن 5-فىۋرال، غولجا
قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە دەل 13 يىل بولغان مۇسىبەت خاتىرە كۈنى. باشقا
بارلىق چەت دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ، كۈننى
تۈرلۈك سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرلەپ ئۆتكۇزۇۋاتقىنىدەك شىۋېتسىيە دە
ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جۈمە نامىزىدىن
كىيىن سائەت 14:00ئۆتكەندە توپلىشىپ كېلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەزكۇر
مۇسىبەت كۈننى خاتىرلەپ ئۆتتى.
شىۋېتسىيەدە ئۆتكەنكى ئايلاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز قار يېغىپ ھاۋا كىلىماتىنىڭ
سۇغۇغلۇق تىمپىراتۇرى نولدىن تۈۋەن 25 گىرادوسقا چۈشۈپ قىلىشىدەك ئەھۋاللار
تۈپەيلى كۆپ ساندىكى ۋەتەنداشلارنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن
بۇ،قېتىمقى نامايىشقا بۇ،يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى ئاز ساندىكى
ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلالىدى.
كىسەل،ئىش،ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق بىر يوللۇق سەۋەبلەر تۈپەيلى نامايىشقا
قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىغان راستچىل ۋەتەن ئاشىقلىرى نامايىش ئورنىغا
توختىماي تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆزرەلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق
80سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قار ئۈستىدە سىمۋول خەرەكتىرلىك نامايىش قىلىۋاتقان
ئوت يۈرەك نامايىشچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ جاسارەتلىرىگە ئاپىرىن
ئۇقۇشتى.
قاتتىق سۇغۇق ھەش پەش دېگۈچە نامايىشچىلار قوللۇنۇش ئۇچۇن ئېلىپ كەلگەن ئاۋاز
ياڭراتقۇچنىڭ گىنراتۇرىنى توڭلىتىپ بۇزۇپ قويغان بولسىمۇ،ئوت يۈرەك
نامايىشچىلارغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى-ئۇلار بار ئاۋازلىرى بىلەن (خىتايلار
ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن! خىتاي باسقۇچلىرى تېرورلوق ھەرىكىتىنى توختات!
خىتايلار جاللات،)دىگەندەك شىۋىسچە شۇئارلارنى توۋلاپ ئەلچىخانا بىنالىرىنى
تىترەتتى.
ئارىدا ئەلچىخانا خادىملىرىدىن 4 نەپەر خىتاي، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ تاشقىرى
رىشاتكىسىدىن ئوغرىلارچە مارىلاپ نامايىشچىلارغا قاراشتى نامايىشچىلار قاتتىق
شوئارلار بىلەن چۇقان سېلىپ يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۈركۈتكەندەك ئۇلارنى بىنا
ئىچىگە ئۈركۈتوپ كىرگۈزۈۋەتتى.
ئۈشبۇ نامايىشنىڭ كونكىرت جەريانىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ شىۋېتسىيەدە
تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرى يالقۇن ئەپەندى نەق مەيداندىن بىۋاستا تارقاتقاندىن
سىرت يەنە گىزىتىنىڭ مۇخىپىرى ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا Epouch
Timesشىۋېتسىيەدىكى ئەھەدنى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلىپ تۆۋەندىكىدەك سۇئال
سوردى
بۈگۈن بۇ، نامايىشقا بەك ئاز ئادەم قاتنىشىپتۇ سىلەرچە زالىم كوممۇنىست
ئەلچىخانىسى سىلەرنى ئېتىبارغا ئالارمۇ ؟ نامايىشىڭلارنىڭ مەزمۇنىنى خىتاي
ھاكىمىيتىگە ئەلچىلىك سۈپىتىدە سەمىمى يەتكۈزەرمۇ؟
ئابدۇللاھ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
پائالىتىمىزنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئېتىبارىغا ئېلىنىش ئېلىنماسلىقى مۇھىم
ئەمەس،بىز پەقەت ئۈمۈتۋار ھالدا بار شارائىتىمىزدىن پايدىلىنىپ قولىمىزدىن
كەلگىنىچە ھەركەت قىلىمىز-ھەرگىزمۇ مەيۇسلەنمەيمىز، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى،60
يىل ئىلگىرى كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭ ھازىرقى بۇ،زەئىپ ھالىمىزدىن
ناچارراق ئىدى.
مانا بۈگۈن بۇلار بىزنى ۋە تىبەت خەلقىنى ئىتىبارغا ئېلىش ئەمەس دۇنيادىكى ئەڭ
قۇدرەتلىك دۆلەتلەرگە تەنتەكلەرچە مۇشت تەڭلەيمەن دەۋاتىدۇ.
ئەتە ئۆگۈن بۇلارنىڭ قايسى ھالغا قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئىشىنىمەنكى
ئۇلار بىز بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئۆلتۈرۈپ تىشلىق كېلىشىمى قىلىشقا مەجبۇر
بولىدۇ. ھەر -بىر ئۇزاق تۈن كېچىدىن كىيىن نۇرلۇق تاڭ ئاتىدۇ -ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى
تۇرغۇنجان
شىۋېسچە خەۋەرنى بۇ يەردىن ئۇقۇڭ
www.epouchtimes.se
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن ئاڭلاڭ