شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۇز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى
2010-07-06
ستوكھولم
.
بۇگۇن شەرقى تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۇمچىدە خىتاي ھۈكۈمىتى ۋە خەلقى تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ”5-ئىيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقى“ نىڭ يۇز بەرگەنلىكىگە بىر يىل بولغان بىر كۈن. ئۈشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار (شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى) ۋە (شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومتېتى) نىڭ ھەمكارلىشىپ تەشكىللىشىدە خىتاي كومۇنىست ھۇكۇمىتىنىڭ ( تىنىچ شەكىلدە ھەق ھۇقۇق تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى) قانلىق باستۇرغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايىش شىۋېتسىيە پارلامىنتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ”مىنتوريىت“ مەيدانىدا مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇلئەھەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.نامايىشقا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بەزى ئامىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى شىۋېتسىيە پارلامىنتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۇچلۈك شەكىلدە كۈڭۈل بۈلۈشكە چاقىرىپ باشلاش سۈزى قىلىشتى.
كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان نامايىشچىلار قۇشۇنى نامايىشنىڭ تەرتىۋى ھەققىدىكى دۆكۇلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ سەپلىرىنى تۇزۇپ رەتلەنگەندىن كىيىن، 5-ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ مۇبارەك قانلىرى رەڭگىدە (خىتاي شەرقى تۇركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن! سىياسى مەھبۇسلار قۇيىۋېتىلسۇن! شەرقى تۇركىستانغا ئازاتلىق!) دىگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك خەسىلەرنى ۋە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان گەۋدىلىك سۇرەتلەرنى كۇتۇرۇشكەن ھالدا ستوكھولم شەھرىنى ئايلىنىپ ئۈتۈپ خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۇرۇش قىلدى.
نامايىشچىلار يول بۇيى ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە نامايىش ئۇچۇن ئاجرىتىلغان يوللارنى لىق ئېلىپ شۇئارلارنى توختاتماي ماڭدى،مېڭىش باشلىنىپ تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا يىتىپ كەلدى.
ئەلچىخانا ئالدىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارىتىپ بايانات ۋە تەلەپلەر ئۇقۇلدى ، ئىنتايىن يۇقۇرى ئەۋازدا شۇئارلار تولاندى.
نامايىشچىلارنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى 5-ئىيۇل شېھىدلىرىغا ئاتاپ ھازىرلىغان قارا گۈلچەمبىرەكنى كۈتۈرۈپ بېرىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قويدى.نامايىشچىلار قۇشۇنى ئارىسىدىكى ياشلار (خىتاينىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا جاۋابەن) ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىغىنى يىرتىپ تاشلىدى.
بۇ، قېتىمقى نامايىش ھىچ بىر تۇقۇنۇشسىز شەكىلدە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
نامايىشنىڭ نەق مەيدان كۈرنۈشلىرى 1- پارچە
نامايىشنىڭ نەق مەيدان كۈرنۈشلىرى 2- پارچە
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى