
چەتئەل ئاخباراتلىرىغا ئاساسلانغاندا: 2011-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەۋەككۈل كارمان تاللاندى. 2011-يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى، خىمىيە مۇكاپاتى، پىسخولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتى، ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ئىقتىساد مۇكاپاتى ۋە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى شۋېتسىيە پايتەختى ستوكخولمدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۋېتسىيە خان جەمەتىدىكىلەر، سىياسىي رەھبەرلەر ۋە باشقا ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار بولۇپ جەمئىي 1500 ئادەم قاتناشقان. شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:30 ئۆتكەندە، نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شۋېتسىيە خان جەمەتىدە باشلانغان، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بىردىن-بىردىن سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. نوبىل مۇكاپاتى فوندىنىڭ رەئىسى جاگلاند (Thorbjoern Jagland) ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ شۋېتسىيەگە كېلىپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە يەنىلا مۇھىت، ئېنىرگىيە كىرزىسى قاتارلىق غايەت زور خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ مەسىلىلەرنى ئىنسانلار ئىلىم-پەن ئارقىلىق ھەل قىلىش ئامالىنى تېپىشقا موھتاج بولىدىغان بولۇپ، شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئىجاد قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە نوبىلنىڭ تەرجىمھالىدىكى سۆزلەرنى نەقىل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى 5 نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان، بۇ بەش نۇقتا ئائىلە ئۆگىنىش كەيپىياتى، ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ئالدىنقىلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇش ھەمدە سەۋرىچان ۋە چىداملىق بولۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارقىدىن، ھەر بىر تۈردىكى نوبىل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان، كېيىن شۋېتسىيەنىڭ پادىشاھى كارل XVI گۇستاف ھەر بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە نوبىل مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسىنى، مېدالى ۋە مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بەرگەن. نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەر – بىرى تەخمىنەن 1 مىليون 490 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى