شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى يۈرىكىدە قىساس ئوتى لاۋىلداپ تۇرغان ھەر-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئونۇتقىنى يوق. گەرچە قانخور خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلجىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا بۈگۈن 14 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى خەلقىمىز تېخى ئونۇتمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-02-05- كۈنى خىتاينىڭ شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازلىق نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىش شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 13:00 ئاخىرلاشتى. بۇ بىر سائەتلىك نامايىش ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى. نامايىشچىلار شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ھەر-خىل شوئارلار ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايان قىلدى. نامايىشچىلار ئۆتكەن يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر- خىل رەسىملەر ۋە خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، خىتايلار تېرورىست، قاتىل خوجىنتاۋ، قاتىل خىتايلار، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش توختىتىلسۇن دېگەن شوئارلار بىلەن خىتايغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلىدى. نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ توۋلىغان ھەر- خىل شوئارلىرى يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى