شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا زىياپەت بەردى!

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى. 2011- فېۋرال ئېيىدا ئەسلىدىكى ئورنىدىن يېڭى ئورۇنغا يۆتكەلگەن بولۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2011- يىلى 04- ئاينىڭ 08- كۈنى، يەنى جۈمە كۈنى كەچتە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ مۇراسىم شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 18:00 دە باشلىنىپ 20:00 ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمغا : شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ، يېشىللار پارتىيسىنىڭ گورۇپ باشلىقى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندى .

شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى ( رابىتىل ئىسلام ) نىڭ باشلىقى ئۆمەر مۇستاپا ۋە رابىت ئىسلامنىڭ پېشقەدەم رەئىسى مەھمۇد خەلفى . شىۋېتسىيە مىللىي كۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياۋۇز سەلىم. شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن گۈنەي قاراخان. شىۋېتسىيە ئىسلام فوند تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد فاتىھ. شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن فاتىمە خانىم. ستوكھولم ئاكاللا رايونىدىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تۇنجاي قاپلان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم . شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى. شىۋېتسىيە ياشلار ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشلەر قاتناشتى.

زىياپەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيۇشما قارمىقىدىكى مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىجات ئەپەندى، زىياپەت كەلگەن مېھمانلارغا بۇ قېتىمقى زىياپەتنىڭ ئېچىلىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. كېيىن مېھمانلار ئۆز ئارا ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مېھمانلارنى ئۇيغۇرچە تاماقلار بىلەن كۈتۈۋېلىندى. تاماقتىن كېيىن رابىت ئىسلامنىڭ پېشقەدەم رەئىسى مەھمۇد خەلفى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. كېيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە ناماز شامنى ئوقۇدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى. بۇ قېتىمقى مۇراسىم مەركىزىمىزنىڭ ئىچىلىش زىياپىتىلا بولماستىن بەلكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىش. چۈنكى كەلگەن مېھمانلار ئارىسىدا پارلامېنت ئەزاسى، رابىت ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىسلام فوند تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ، مۇسۇلمان ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەر بىرىگە قاراشلىق بولغان ئاز دېگەندە 40، 50 تەشكىلاتلار بار. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن ھەر ساھەدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق داۋايىمىزنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. دېدى.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى