ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تۈرك ئىسلام جەمئىيەتلەرگە ئۇچرىشىش زىياپىتى بەردى.

شىۋېتسىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىن شىۋېتسىيەگە ھىجرەت قىلىپ ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ كەلمەكتە. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە ئىرقىي قىيىنچىلىقىنى دۇنيا مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 2011 ماي 06 جۈمە كۈنى كەچتە، جەمئىيەت مەركىزىدە شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە ئۆز ئارا تۇتۇشۇش زىياپىتى بەردى.

بۇ ئۇچرىشىشقا. شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندى. ستوكھولم برېدىڭ رايونىدىكى برېدىڭ ئىسلام جەمئىيىتىدىن جەمئىيەت باشلىقى رابىت ئەپەندى ۋە جەمئىيەت كاتىپى ئوسمان ئەپەندى. شىۋېتسىيە تەقۋا جەمئىيىتىدىن جەمئىيەت باشلىقى سىدىق ئەپەندى. تېنىستا ئىسلام مەركىزىدىن جەمئىيەت باشلىقى ئىلياس ئاجار ئەپەندى. تېنىستا مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمەت فەندى ئەپەندى. رىنكېبىي تۈرك ئىسلام جەمئىيىتىدىن جەمئىيەت باشلىقى جافەر قىلىچ ئەپەندى. رىنكېبىي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ھاسان بايراق ئەپەندى. ئاكالا مۇسۇلمان ياشلار جەمئىيىتىدىن تۇنجاي قاپلان ئەپەندى قاتارلىق جەمئىيەتلەر باشلىقلىرىدىن باشقا، ياۋروپاغا 15 كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلاردىن، قەيسەرى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارە مۇئاۋىن باشلىقى ئارسلان قۇش ئەپەندى. قەيسەرى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ئايخان بەكار ئەپەندى. ترابزۇن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ھۈسەيىن ئۆزتۈرك، ئالى كۆسە ۋە مۇھەررەم گەلەن ئەپەندىلەر قاتناشتى.

بۇ ئۇچرىشىشتا كەلگەن مېھمانلار ئۆز ئارا تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن سىرت مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي بېسىمى، دىنىي، مىللىي كەمسىتىش، ئېرىقى كەمسىتىشلەرنى ئاڭلىغان مېھمانلار ھاياجاننى باسالماي يۈزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن نەملەندى. ئاخىردا ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى مېھمانلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ ئۇچۇرشىش شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18:00 دە باشلىنىپ 20:دە ئاخىرلاشتى. بۇ ئىككى سائەتلىك ئۇچرىشىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.

بۇ ئۇرۇشۇشقا كەلگەن مېھمانلاردىن تېنىستا مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمەت ئەپەندى. بىز قوشنا بولدۇق. خوشنىنىڭ خوشنىسىدىن ئالىدىغان ھەققى بار. بىز پەقەت خوشنىلا ئەمەس بەلكى بىر دىنىي قېرىنداش ۋە مىللىي قېرىنداش شۇڭا سىزلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مەسىلە باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە، سىزنىڭ قانداق ياردەمگە ئىھتىياجىڭىز بولسا بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز دېدى. باشقا مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى، ھەر ۋاقىت بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، دەردىمىزگە دەرتمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ 15 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن كۈرۈشكەنلىكلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇچۇرشىش ئاخىردا كەلگەن مېھمانلار ئۇيغۇرچە تاماقلار بىلەن كۈتۈۋېلىندى. تاماقتىن كېيىن جانابى ئاللاھدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.