شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن رەسمى باشلاندى

شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى ( رابىت ئىسلام ) ھەر يىلى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە، بۇ يىلقى بۇ،يىغىن 31- نەۋتلىك يىغىن بولۇپ، يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى داڭلىق دىنى ئالىملار تەكلىپ قىلىندى.شۇ قاتارىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى سىراجىدىن ئەزىزىمۇ تەكلىپ قىلىندى. يىغىنغا كەلگەن ئالىملار،شىۋېتسىيەدە جۈملىدىن ياۋروپادا يېشىلمىگەن بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىشتەك مەزمۇنلاردا سۆزلەيدىغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىشتىراك قىلدى.يىغىن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دە رەسمى باشلاندى.يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

شىۋېتسىيە رابىتىل ئىسلامنىڭ رەئىسى ئۆمەر مۇستافا تەبرىك سوزى قىلدى.

يىغىندا يەنە شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت قاپلان سۆزگە چىقىپ تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننى تىلغا ئالدى .

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى