ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى دىنى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۆلگىسى مۆھتەرەم ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى، 1955-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار ناھىيىسى كوناشەھەر رايونى ساقساق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كۇچار، قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردا مۆتىۋەر دىنىي ئالىملاردىن تەلىم تەربىيەئالغان. 1980-يىللاردىن كېيىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلىنىپ يۈرۈپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەرتۇيۇق يوللاردىن ئۆزىنى تارتىۋالغان. تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نادان، قالاق قالدۇرۇش ئۈچۈن مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، ئىلغار پىكىرلىك، مۇنەۋۋەر ياشلىرىمىزنى كۆزدىن يوقۇتۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننى زورلۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتتاي كوممۇنىست دېكتاتۇرلىرى ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنىڭ يۇقارقىدەك تەشۋىقات ئىش -پائالىيەتلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قىلىنغان تەھدىت دەپ قاراپ، 1990-يىلى11-ئاينىڭ16-كۇنى ئۇنى قولغا ئالغان.
1992-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇنى“ئەكسىيەتچىل دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، ماركىسىزم نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان ۋە شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ئىسلاھاتچىللىرى پارتىيىسىنى قۇرغان“ دېگەندەك سىياسى ئېيىپلاشلار بىلەن ئېيىپلاپ 12يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلغان. خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا كۆرە ھېچقانداق جىنايى قىلمىشى بولمىغان بىگۇناھ ئابدۇلكەرىم ئابدۇلۋەلى سەۋەپسىز ھالدا 12يىل قاماقتا ياتقان. ھەر ھالدا 2002 -يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۇنىڭ جازالىنىش مۇددىتى توشقانلىغى ئۈچۈن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما رەزىل خىتتاي ھۆكۈمىتى 2002- يىلى ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئۈچ يىل ئۈزارتقان. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۇپ، 2005-يىلغا كەلگەندە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىشنى قەتئى رەت قىلىپ، جازامۇددىتىنى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىۋەتكەن. 2008-يىلى،جازا مۇددىتى توشقان كۈنى ، يەنە قويۇپ بەرمىگەن ۋە جازا مۇددىتىنى ئۈچىنجى قېتىملىق يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2010-يىلى ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىگە بارغاندا، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇلارغا ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ قاماق جازاسىغا يەنە ئۈچ يىل قوشۇلغانلىغىنى ئېيتقان. لېكىن ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئىسپات قەغىزى بەرمىگەن.
ئەجداتلارنىڭ مىىللى ئىرادىسىگە ئەمىلى قەھرىمانلىقى بىلەن ھەقىيقى ۋارىسلىق قىلالىغان ئابدۇلكەرىم ئابدۇلۋەلى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىنىڭ يالغۇز كامىردا توپ توغرا 22 يىل ھاياتىنى باسمىچى خىتايلارنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن قىستاقلىرى ئاستىدائۆتكۈزگەن. تۈرمىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن قۇيۇلغان بىمەنە شەرتلەرگە كۆنمىگەن، باسمىچى خىتايلارنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن قىستاقلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەستىن تارىختا ئۆتكەن پىشقەدەم مەرىپەت پەرۋەر ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مەخسۇملاردەك ”شەرقى تۈركىستان تۇپرىقى شەرقى تۈركىستانلىىقلارغا مەنسۇپ“ دىگەن شۇئاردىن ۋاز كەچمىگەن. ھازىرقى ئىشەنجىلىك مەلۇماتلارغا كۈرە موھتەرەم ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدىكى جىسمانى سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىنىسى مەمتىمىن ئابدۇۋەلى خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىدىن ئاكىسىنىڭ تىزراق تۈرمىدىن ئازات بۇلىشىغا دۇئا قىلىپ قۇيىشىنى تىلەيدۇ.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى