مەھمۇد قەشقىرى ئانا-تىل مەكتىپى مەۋسۇملۈك ئوقۇشنى تاماملىدى.
ئۆز خەۋىرىمىز: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئانا- تىل مەكتىپى بۇ مەۋسۇملۈك ئوقۇشنى، 2011 يىلى 9 ئاينىڭ 3 كۈنى رەسمى باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلقىدەكلا مەھمۇد قەشقىرى ئانا- تىل مەكتىپى ھەر شەنبە كۈنى ئىككى سائەت ئانا تىلدىن ساۋات، ئىككى سائەت قۇرئاندىن ساۋادىنى چىقىرىش دەرسلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆپ سانلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ كېلىپ قاتنىشىشى ۋە بۇ دەرسلەرگە سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېھنەت قىلىشى بىلەن بالىلارنىڭ ئانا تىل ۋە قۇرئان ساۋادىغا بولغان چۈشەنچىسى ئاشتى.

سۈرەت: مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى، ئابدۇلكېرىم كىۋىرنىڭ بالىلارغا تىل دەرس بېرىۋاتقان كۆرۈنىشى
شىۋېتسىيدىكى مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىلگە چىقىشى بىلەن بىرگە مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلكەرىم كىۋىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بالىلارغا ئانا- تىلدىن دەرس بېرىش، قىزىق ئويۇن ئويناش ۋە زىياپەت بېرىش قىلىپ بالىلارنىڭمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن پائالىيەت جانلىق ئېلىپ بېرىلىپ، بالىلار خوشال-خۇرام قىشلىق تەتىلگە چىقىشتى.

سۈرەت: مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى، ئابدۇلكېرىم كىۋىرنىڭ بالىلارغا زىياپەت بېرىۋاتقان كۆرۈنىشى
ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋېقات بۈلۈمى