باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟

 
 
باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟

بىز ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزدە 10 مىليون خەنزۇ ئاھالىسىنى سىغدۇرۇۋاتىمىز.بەلكى،قولۇغىمىزنىڭ گۈلى،بېشىمىزنىڭ تاجى قىلىپ قەدىرلەۋاتىمىز.

يىللاپ، ئەسىرلەپ ئۆزىمىز يىمەي(يېمەي) يىگۈزۈپ(يېگۈزۈپ)،ئۆزىمىز كەيمەي كەيگۈزۈپ،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز باشقۇرماي،ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ باشقۇرىشىغا(باشقۇرۇشىغا) تاپشۇرۇپ،ئۇلاردىن ھىساپ(ھېساب) ئالماي، ئۇلارغا ھىساپ(ھېساب) بىرىپ(بېرىپ)،ئۆزىمىزنىڭ بەخىتسىزلىگىمىز ھېساۋىغا ئۇلارغا بەخىت(بەخت) يارىتىپ... ياشاۋاتىمىز.

600نەپەر ئۇيغۇرنى گوۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شائوگۇئاڭ شەھرىگە(شەھىرىگە) سىغدۇرالمىدىڭلارمۇ؟

تەرەپ - تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ "باسقۇنچى"بولغانلىغى(بولغانلىقى) يېزىلىۋاتىدۇ،سۆزلىنىۋاتىدۇ.

ئىككى،ئۈچ قەتىم(قېتىم) خەنزۇ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق ھەركەتلىرى(ھەرىكەتلىرى) بولغانلىغى(بولغانلىقى) پۈتۈن جۇڭگودا ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئۆتۈپ تارقىلىۋاتىدۇ.
بۇمۇ ئاخىرقى ھىساپتا(ھېساپتا) يالغان چىقتىغۇ گۇاڭدوڭدا قانۇن يوقمۇ؟ساقچى يوقمۇ؟
ئەگەر شۇنداق ئىش بولغان بولسا،نىمىشكە(نېمىشقا) قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنىپ،جىنايەتچى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنمىدى؟
ئۆز يۇرتىدا خەنزۇ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلمىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىلىشى(كېلىشى) بىلەنلا "باسقۇنچى" بولۇپ قالدىمۇ؟

ئۇيغۇرلار "باسقۇنچى" بولسا،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 10 مىليون خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئايال.ئۇلار نىمىشقا(نېمىشقا) باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىمىدى(ئۇچرىمىدى)؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيسىدە(ناھىيىسىدە) 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ پامىلىلىك بىر باسقۇنچى 2009 - يىلى 5 -6 .ئاي ئىچىدە 8-10 ياش ئارىسىدىكى نارىسىدە(نارەسىدە) 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى.قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ.
باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان(ئۇچرىغان)،ئىنسانى قەدىر-قىممىتى دەپسەندە قىلىنغان بىر قانچە ئۇيغۇر نارىسىدە(نارەسىدە) قىزى ئەمەس. بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرىرى، ئىنسانى قەدىر-قىممىتى باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىدى(ئۇچرىدى).دەپسەندە قىلىندى.
بىر نەپەر ئۇيغۇر چىقىپ بىر خەنزۇنى ئۇردىمۇ؟
قانۇننىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىپ بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتمامدۇ(تۇرۇۋاتمامدۇ)؟

شائوگۇئاڭدا تاياقتىن ئۆلگەن،يارىدار بولغان،قورقۇپ مۈكىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى،ۋەتىنىمىزدە خەنزۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بەدىلىگە ئۆز يۇرتىمىزدا ئىشسىز قالغان ياشلارغۇ!؟
ئۇلارنى، تاغدىن يېزىغا كىرىپ قالغان ياۋا توڭگۇزنى قورشىغاندەك،قانچە يۈز ئادەم قولىغا تاياق-توخماق ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشى،ئۇرۇشتا بەسلىشىشى ئىنسانى خىسلەتمۇ؟

خەنزۇلار غەرىپنى،ئۇيغۇرلار شەرىقنى ئېچىشىتىن ئىبارەت ئەقىلغا(ئەقىلگە)،ۋىجدانغا،ئەخلاققا سىغمايدىغان ئىستىراتىگىيە(ئىستراتېگىيە) كىم تەرىپىدىن،نىمە(نېمە) مەقسەتتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلدى؟

ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ۋە جۇڭگودا كەمسىتىلمەكتە.چەتكە قېقىلماقتا.
ھىچ(ھېچ) بولمىسا،جۇڭگودا،ئۇيغۇرلارنىڭ جان بىخەتەرلىگى(بىخەتەرلىكى)،مۇشۇك(مۈشۈك) ئېيىغى (شىئۇڭمائو)چىلىك قوغداش كاپالىتىگە ئىگە بولسۇن!

خەنزۇلار شۇنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ(ئويلىنىپ) كۆرسۇن؛
ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدا قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر تاياق-توخماق بىلەن بىر قانچە خەنزۇنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا،ياكى يارىدار قىلسا مەسىلىنىڭ خاراكتىرى(خاراكتېرى) نىمە(نېمە) دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن ئىدى؟

باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟