ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتۇر ئالىمجانلار ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ
بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ مەسئۇللىرى
ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتۇر ئالىمجانلار 12 - ئاپرىل ﻛﯜﻧﻰ ئەتتىگەن
ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ئۇلارنىڭ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 1-
ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ئۇلار ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ بەزى
تەشكىلاتلار ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ئالاھىدە ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
باش كاتىپ دۇكتۇر ئالىمجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ
ئاساسى مەقسىتى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى
بىلەن دىيالوگ قۇرۇش ئىكەن.
ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتۇر ئالىمجانلار ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ بەزى ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺳﯚھﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇچۇر ئشلىرى مەسئۇلى ئەخمەتجاننىڭ
ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﭽﻪ، ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتۇر ئالىمجانلار ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ دىكى تۈرك
ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ مۇھىم بىر يىغىنغا قاتنىشىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى سىياسى
ۋەزىيتى ۋە تارىخى ھەققىدە دوكۇلات بەرگەن،ۋە تۈركىيە زامان گىزىتىنىڭ
شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخپىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان يەنى .
19-ئاپرىل كۈنى ئۇلار شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
نۇرۋىگىيە ۋە گىرمانىيەلەردە زىيارەتتە بۇلۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمى