شىۋىتسىيە ھوكۇمىتى بىر نەپەر خىتاي دىپلۇمات خادىمىنى قوغلاپ چىقاردى
لەيف سىۋەنسون ئەپەندى شىۋىتسيە نىڭ نۇپۇزلۇق گىزىتلىرىدىن بولغانDN/SVD ۋە باشقا گىزىتلىرىدە22ـئيۇن بەرگەن خەۋىرىدە شىۋىتسىيە ھۇكۇمىتىنىڭ بىر نەپەر خىتاي دىپلۇمات خادىمىنى 4ـ ئيۇن قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى 61 ياشنىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشىغا چىتىشلىغى بولغانلىغىسەۋەپلىك شىۋىتسىيەدىن
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە شىۋىتسىيە
، تاشقى ئشلار بايانتچىسى ئاندرىس يۆيلە ئەپەندى يۇقارقى ئشلارنىڭ يۇز
بەرگەنلىگىنى مۇھپىرلارغا ئاشكارىلىغان بولسىمۇ قاچان ۋە قايسى يۇسۇندا
بولغانلىغىنى ئيتشنى رەت قىلپ مۇنداق دىگەن‹بىر چەتئەللىك دىپلۇماتىنىڭ قوغلاپ
چىىقىرىلغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۇرىمىز، لەكىن مەن بۇ دىپلۇماتنىڭ قايسى
دۆلەتتىن كەلگەنلىگىگە باھا بەرمەيمەن. بىزيەنە بۇنىڭغا جاۋابەن بىر نەپەر
شىۋىش دىپلۇماتىنىڭ چىگىردىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىغىنى ئىلان قىلىمىز›.
ئانالىزچىلارنىڭ دىشىچە شىۋىتسىيەدىن قوغلانغان
مەزكۇر خىتاي دىپلومات خادىمى ئككى دولەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك قانۇنلارغا
خىلاپ ھالدا شىۋىتسىيەنىڭ ھامىلىغىدا ياشاۋاتقان يۇزلەرچە ئۇيغۇر ناتىۋانلىرىغا
قارشى جاسۇسلۇق تۇرى قۇرغان، نەتىجىدە تورلىرى بىلەن قىتىلىپ شىۋىتسىيەنىڭ
قانۇن تورىغا ئۆزلىرى چۇشكەن ۋە دولەتتىن خارلارچە ھەيدەلگەن.