ھۈنەر سەنئەت كۈنى

ئۆسمۇرلەرنىڭ ئجادىيەتچانلىق روھىنى ئاشۇرۇش ،ۋە ئۇلارنى يىڭىلىق يارتىشقا تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمىز ھەر مەۋسۇمدە بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلىق ھۈنەر سەنئەت پائالىتى ئېلىپ بارىدۇ، ھۈنەر سەنئەت ماھارىتى كۆرسۈتۈش پائالىتى تۈۋەندىكىدەك ئىككى خىل بۇلىدۇ:

 قۇرئاندىن خالىغان بىرە سۇرىنى تەجۋىد قا ئۇيغۇن يادلاپ كىلىش
جانسىز شەيئىلەرنىڭ سۇرىتىنى سىزىپ كىلىش،ۋە ياكى ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خالىغان بىرە شەيئىنىڭ مودىلىنى ياساش.

ئادەتتە ھۈنەر سەنئەت پائالىتى بۇلۇشتىن بىر ھەپتە ئەۋۋەل بارلىق ئۇقۇغۇچىلار پائالىيەتنىڭ كونكىرت ۋاقتى ۋە تەفسىلى تەرتىپلىرىدىن خەۋەردار قىلنىدۇ، ئۇقۇغۇچىلار كورسۇتۇلگەن تەرتىپ بۇيچە ئۆيلىرىدە بىرە سۇرە يادلايدۇ، ياكى ئۆز ئالدىغا بىرە سۇرەت سىىزىپ چىقىدۇ،ۋە ياكى بولمىسۇن بىرە شەيئىنىڭ مودىلىنى ياساپ مەكتەپكە ئېلىپ كىلىپ ئۇزىنىڭ نىمە ئۇچۇن شۇ،ئىشنى ياقتۇرۇپ قالغانلىغىنى ساۋاقداشلىرىغا چۇشەندۇرۇپ ئۇتۇدۇ.
ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى چۇشەندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بەلگۇلەنگن مەلۇم ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار ياساپ كەلگەن نەرسىلەرنى باھالاپ رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ بىرىدۇ.
تۇۋەندە 20-مارت كۇنى ئۆسمۇرلىرىمىزنىڭ قۇلى ئارقىلىق ياسالغان ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ مۆدىللىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز