يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ
ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن
تۈركىيىدىن كەلگەن شەرقىي
تۈركىستان مائارىپ ۋە
ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش
نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم،
گوللاندىيەدىن كەلگەن ياۋروپا
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ
جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ
بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەيسا
قارىم، فىنلاندىيەدىن كەلگەن
ئەلى قارىم ۋە ئابدۇلھاپىز
قارىم قاتارلىقلار يۇقىرىدىكى
تېمىنى ئاساس قىلىپ مۇنازىرە
ئېلىپ باردى. مۇنازىرىنىڭ
خۇلاسىسىنى ئابلىكىمخان
مەخسۇم ئەتراپلىق چۈشەنچىلەر
بىلەن خۇلاسىلىدى.
بۇ
قېتىمقى يىغىنغا: سەئۇدى
ئەرەبىستان، تۈركىيە،
گوللاندىيە، فىنلاندىيە،
نورۋېگىيە، دانىيە قاتارلىق
دۆلەتلەردىن ۋە شىۋېتسىيەنىڭ
ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن بولۇپ
كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىن شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن
كېيىن سائەت 16:00 باشلىنىپ
كەچ سائەت 22:30 دە
ئاخىرلاشتى. يىغىن ئالتە
يېرىم سائەت داۋاملاشقان
بولۇپ، يىغىندا كۆپلىگەن
سوئال- جاۋابلار بىلەن يىغىن
ئىشتىراكچىلىرى ۋاقىتنىڭ تىز
ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ
سەزمىگەن.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى،
تەشۋىقات بۆلۈمى