ئىستانبۇلدا ئېچىلغان، 2- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچىرشىش يىغىنىغا ئۇيۇشمىمىزدىن بىر ھەيئەت قاتناشتى.
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، 2- نۆۋەتلىك ”شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى“ چاقىردى. تەخمىنەن ئالتە كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ، يىغىننىڭ بىرىنچى پروگراممىسى 2010- يىلى 07- ئاينىڭ 07- كۈنى ئىستانبۇل زەيتۇنبۇرۇنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا باشلاندى. بۇ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرئارىسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق شەخسىلەر ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت يەنە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسارىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋە بەزى مۇھىم ئاكادېمىك زاتلارمۇ قاتناشتى. شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمىسى بۇ،يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن ئۇيۇشمىنىڭ سېكىرتارى تۇرغۇن ھىمىت قاتناشتى.

تەرتىپ بۇيىچە قۇرئان كېرىمدىن بىر نەچچە ئايەتنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن يىغىن باشلاندى،يىغىندا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ھەر دەرجىلىك تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللەر ئايرىم- ئايرىم سۆزگە چىقىپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.
يىغىندا قۇيۇلغان (ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5- ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار) ھۆججەتلىك فىلىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە يىغىن زالىنى يىغىغا تولدۇردى.
يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ كىيىنكى پروگراممىلىرى، ئىستانبۇلنىڭ ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان يالوۋا ساياھەت رايونىدا داۋام قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى