چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بايقالغان تۇنجى مەرەز

خائىنلىق بىرخىل مەنىۋى كېسەللىك بۇلۇپ،ئۇنىڭ ۋىيروسلىرى ئادەتتە ئىرادىسى تۇراقسىز شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ روھىيتىدە كوپ كۆرىلىدۇ،خائىنلىق كېسىلىنىڭ ۋىيروسلىرى مەلۇم كىشىلەرنىڭ روھىيتىدە تۇغۇلما ئىرسىيەت يولى ئارقىلىق پەيدا بولسا مەلۇم كىشىلەرنىڭ روھىيتىگە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى باشقىلاردىن يۇقىدۇ.
خائىنلىق كېسىلى ۋىيروسلىرىنىڭ تەبىئىتى بۆرىنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، خۇددى بۆرە پاتىدىن ئايرىلىپ قالغان قوينى ئوۋلاشنى ياخشى كۆرگەندەك ئۇ، كېسەلنىڭ ۋىيروسلىرىمۇ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى خېلىقچىلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولغان ۋە توغرا ئىدىلوگىيە پىرىنسىپ بىلەن شەكىللەنگەن ئەل جامائەت ئارىسىغا سەمىمى چۆكمەستىن ئىسيانكارلىق ۋە بويۇنتاۋلىق تۈسىنى ئالغان ئىندىئالىزىم ھاياتىدا ياشىغۇچى يەككە ئىنسانلارنىڭ روھىيتىگە بەك ئاسان چاپلىشىدۇ.
خائىنلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار غا توغرا دىئاگنۇز قۇيۇپ ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى بايقىماق ئىنتايىن جاپالىق بىر خىزمەتدۇر، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ قۇرئان كېرىمنىڭ 65-سۇرىسىنىڭ 4-ئايىتىدە جانابى ئاللاھ”خائىنلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرلىشى(سالاپتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز،ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە)گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان(چىرىپ قالغان)ياغاچلاردۇر“ دەپ جاكارلىغىنىدەك كۆپۈنچە خائىنلارنىڭ يۈرۈش تۇرىشىدىكى ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان سەلبىي تەرەپلىرىگە قارىغاندا ئادەمنى ئۆزىگە دەماللىق جەلىپ قىلىدىغان سەتەڭلىك تەرەپلىرىنىڭ كۈچلۈكرەك بۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.
ئىلگىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا”پالانچى خىتايغا ئىشلەيدىغان خائىنمىش“ دېگەنگە ئوخشاش گەپ سۆزلەر ئەرزان باھادا تارقىتىلىدىغان بولسىمۇ ئۇ گەپ سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ رازۇتكا تورىنىڭ قۇدرىتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان خىتايلار تەرىپىدىن ۋە ياكى ئادەملەر بىلەن بولغان شەخسى زىدىيتىدە غەلبە قازىنىشنى مەخسەت قىلغان توھمەتخورلار تەرپىدىن بازارغا سېلىنغان ئۆسەك سۆزلەر بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆز ئارىسىدىكى ھەقىقى جاسۇس ئۇبۇكتىسىنىڭ سالاھىيتىنى ئىسپاتلىق بەلگىلەپ چىقىش ۋە ئۇلارغا تەسىر يەتكۈزەلىگۈدەك دەرجىدە تەدبىر قوللىنىش ، ئۇيغۇرغا ئوخشاش دۆلىتى يوق بىر خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن بىر خىزمەت ئىدى. بۇ،خىل بوشلۇقتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەقىقى خائىنلار يۈرەكلىرىنى قاپتەك قىلىپ خىتاي ئۈچۈن بەزى ئاشكارا بەزى يېپىق ئىشلەپ كەلدى.
ئادەملەرنىڭ خۇسۇسى سىرلىنى پايلاقلاپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھۇقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشتەك دۆلەت دەرىجىلىك جىنايەت ئۆتكۈزۇش يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست كۈچلىرى، شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدىي ئىستىلا قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش خام خىيالىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر- خىل ساقتا سالاھىيەتلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ھەتتا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلىشىپ ياشايدىغان بەزى دۆلەتلەردە ئىشلەۋاتقان تەلۋە خائىن ئۇنسۇرلار، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمىنىڭ يۇچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيتىگە جاسۇسلۇق قىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەنتەكلەرچە ئاشكارا ئېلان قىلىپ(قېنى مىنى كىم تۇسالايدۇ)دىگەندەك جەڭ ئېلانلىرىنى بىرەلىدى.
كىچىنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىدە جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرغان ناتىۋان ئۇيغۇر يىتىم ئوغۇللىرى ۋە تۇل ئاياللىرىنىڭ قانلىق يىغا ياشلىرى ئارىسىدىن كۆتۈرۈلگەن”ئىي كەرەملىك ئاللاھ !بىزلەرنى زالىم قوۋمنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىغىن!“دېگەن دۇئا پەرياتلىرى جانابى ئاللاھقا يەتكەن بولسا كېرەك، 2009-يىلى 6 - 4 - كۈنى جۇڭگو ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدىغان، خىتاي جاسۇسلۇق كۈچلىرىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر شايكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. خەلقئارا دىپلوماتىك قانۇن نىزاملارغا خىلاپ ھالداباشقىلارنىڭ دۆلىتىدە دىپلوماتلىق ۋە مۇخبىرلىق كۈنلۈكى ئاستىدا جاسۇسلۇق تورى قۇرغان ۋە مەزكۇر ئۇيغۇر جاسۇسقا بىۋاستەقۇماندانلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارى(ئالاقىدار ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ ئىسمى لىندا دەپ ئېلىنىدۇ) شىۋېتسىيە چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى.
خائىنلىق جىنايىتى تىرىك ئىسپاتلار بىلەن مۇقىملاشقان بۇ ئۇيغۇر بىر تەرەپتىن ئۆز قەۋم قىرىنداشلىرىنىڭ نەپرىتىگە غەرق بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى جالاپنى ئىشلەتكەننىڭ ئورنىدائىشلەتكەن ۋاپاسىز خوجايىنلىرى بايانات ئېلان قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ رەسمى مەخپى خادىمى ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ئارقىلىق ئۇنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى.
جىنايى قىلمىشلىرى قانۇنى يوللار بىلەن بېكىتىلگەنگە قەدەر مەتبۇئات يۈزىدە(جاسۇس گۇماندارى 61ياشىلىق ئۇيغۇر)دىگن نام بىلەن تەشۋىقات قىلىنىپ كەلگەن بۇ شايكىنىڭ نامى 2010-يىلى3-ئاينىڭ8-كۈنى ئۇنىڭ سوتتىكى ھۆكۈم نامىسىدا(بابۇر)دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ شىۋېتسىيە ئاخباراتى ئۇنىڭ كىلەچەكتە توۋۋە قىلىپ توغرا يولغا قايتىشىغا يەنە بىر يولنى ئۇچۇق قۇيۇپ ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەپسىلى يۇرتۇپ بىرىشكىلا ئەھمىيەت بەردى. ئەمما ئۇنىڭ نامىنى خەلق ئالەمگە ئامال بار سازايى قىلماسلىققاتىرىشتى.
ئۇنىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئادىل بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن شىۋىس ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 500000 يىۋەن قىممەتكە ئىگە مەبلەغ ئاجراتتى، ئۇنىڭغا سۇغۇق قانلىق بىلەن ئۇدا 3 قېتىم سوت ئېچىپ شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە ئاران 16 ئاي قاماق جازاسى بەردى.
مەزكۇر جازا خىتايدىكى جازالارغا سېلىشتۇرغاندا يېنىك بىر جازا ھېسابلانسىمۇ يۈزىدە قېنى بار بىر ئادەم ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا شىۋېتسىيەدەك ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسى پاناھلىقىغا ئالغان ۋە ئۇنى بارچە بارلىق پۇخرالىرى بەھرىمەن بولغان ھۇقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمەن قىلغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئېيىپلىنىشتىنىڭ ئۇزىلا ئەڭ ئېغىر بىر جازا ئىدى .ئۇ،ھازىرغا قەدەر نە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى سەمىمى تونۇپ توۋا قىلىپ باقمىدى. ئەكسىچە جىنايەتلىرىنى چىرايلىقچە ئۈستىگە ئېلىشتىن بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ 16 ئايلىق قاماق جازاسىنىڭ ئۆزىگە ناھەق كەتكەنلىكىنى، ئۇزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەئىيسىگە بىۋاستە ۋاكالەتچى بولۇپ خىتاي ھاكىمىيتى بىلەن دىئالوگ قانىلى ئېچىشتەك بۇيۈك خىزمەتكە بەلگىلەنگەنلىرىنى بىلجىرلاپ خىتاي كەبى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئېتىكى بىلەن يېپىشقا ئۇرنۇپ كەلدى.
”كېسىلىنى يوشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا دىگەندەك“2010-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى يەنى جاسۇس 61 ياشنىڭ كىسىلى بايقالغان تارىختىن بىر يىل كيىن ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىقى بار بولغان 42 ياشلار چامىسىدىكى 2- بىر جاسۇس گۇماندار بايقالدى. بۇ ئەھۋال بىر تەرەپتىن جاسۇسلار توقۇغان يالغانلارنى بەربات قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن جاسۇسلارنىڭ رادىكال تەبىيەتلىرىنىڭ يۇمشاش يولىغا قاراپ ئەمەس تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىكنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
دۇنيادىكى جازالارغا پىسەنت قىلىشماي جاسۇسلۇق يولىدا داۋاملىق مېڭىۋاتقان بارچە جاسۇسلارغا ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە ئۇلارغا بىرىدىغان جازاسىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇيۇق يولدىن تۇسۇپ ئەبەدى جازاغا مۇپتىلا بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەر بىر شەخىسنىڭ ئىيمانى بۇرجى بولغانلىغى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ خائىن ئىنسانلارغا بېرىدىغان جازاسى ھەققىدە توختىلىشنى لايىق تاپتىم.
1- ئىسلامدىكى خائىنلارنىڭ سۈپەتلىرى.
2- خائىنلارنىڭ خەرەكتىرى
3- خائىنلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىرلىدىغان جازالار
ئايرىم -ئايرىم تۇنۇشتۇرلىدۇ:
2010-06-23 stockholm
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى