كىم ئوغرى؟
,بۇگۇن كەچ ئادىتىم بويچە توربەتلەرنى ئارلاۋېتىپ خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان
شنخۇۋا خەۋەر ئاگىنتلىغىنىڭ ئەرەبچە تور بېتىگە كىرىپ قالدىم،خەۋەرلەر
ئارىسىدىكى (ئۇچ نەپەر ئىغۋاگەرچى قولغا ئېلىندى) دىگن تىمىنىڭ ئاستىدىكى
ئۇششاق خەتلەرنىڭ ئارىسىدا بىرىلگەن ئۇيغۇر دىگەن سوزگە كۇزۇم چۇشۇپ
خەۋەرنى تەپسىلى ئۇقوپ چىقتىم.خەۋەرنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى
:
جەنۇبى جۇڭگۇنىڭ قوانغتشو(گاڭجۇ) شەھرىدە 29-دىكابىر سەيشەنبە كۇنى تشن
ونونج ويه پامىلىلىك ئۇچ نەپەر ئادەم توربەتلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىغا
بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كىلىدىغان يالغان خەۋەر يېزىپ ئىغۋا تارقاتقانلىقلىرى
ئۇچۇن قولغا ئېلىندى،ئىغۋاگەرچىلەر ئۆز يازمىلىرىدا (يەرلىك خەنزۇلار بىلەن
ساقچىلار ھەمكارلىشىپ ئوغۇرلۇق قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يەنجىۋەتتى)
دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئىلگىرى سۇرگەن .ۋەقەنىڭ جەريانى ئەسلى ئۇنداق ئەمەس
ئىدى_ئىككى نەپەر رۇسىيەلىك ۋە ئىككى نەپەر قازاقىستانلىق مەزكۇر رايۇندىكى
مەركىزى بازارنى ئايلىنىپ كىتىۋېتىپ مەلۇم بىر دۇكاندىن بىر نەچچە تال بەل
تاسمىسىنى ئۇغۇرلاپ ماڭغان دۇكانچىلار توپلۇشۇپ ئۇلارنى تۇتۇپ ساقچى
چاقىرغاندا جىدەل چىقىپ كەتكەن ھازىر ئۇلار ساقچىلار تەرپىدىن
تەكشۇرلىۋاتىدۇ ۋاھاكازالار......
.شىنخۇۋا ئاگىنتلىغى ئادەتتە يالغان خەۋەرنى تاپاممىغاندا بىرە راست خەۋەر
ئىلان قىلىدىغان خەۋەر تورى بولغىنى ئۇچۇن يۇقارقى 4نەپەر چەتئەللىكنىك
خىتايغا بېرىپ بەل تاسمىسى ئۇغۇرلاش جىنايىتى ئۆتكۇزىدىغانلىغىغا زادى
ئىشەنمىدىم.بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھەققىدە ئىغۋا تاراتقان ئىغۋاگەرچى
خىتايلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيتى تەرپىدىن تۇتۇلغانلىقىغا خوش بولسام يەنە بىر
تەرەپتىن ئەسلى ئۇلارغا غەرەزلىك ھالدا ئىغۋا تارقىتىشنى ئۇگەتكەن كاززاپ
كومۇنىست ھاكىمىيتىگە نەپرىتىم ئاشتى.ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۇپىتىدە يوق
قىلىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئۇلارنى ئۆز خەلقىگە ۋە خەلقارا
جەمىيەتكە ئوغرى قاراقچى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇمگە ھۇكۇم قىلغان
ۋە دۆلەت دەرجىلىك ئىغۋا تاراتقان كومۇنىست ھاكىمىيتى ئەسلىدە ئۆزلىرىنى
جازالىشى لازىم ئىدىغۇ؟
رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر بەل تاسمىغا پۇل تۇلىمەي ئېلىپ ماڭسا ئاچچىقى
كەلگەن ئاۋۇ خىتاي خەلقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ھىس تويغۇلىرىغا ھورمەت قىلىپ
60يىلدىن بىرى تۇركىستاندىن پۇل تۇلىمەي بايلىق تۇشۇۋاتقان ئۆز ھاكىمىيتىگە
بىرە ئېغىز ھەق سۆز قىلىپ ئادىمىلىكىنى ئىپادىلىسە رايۇندا مىللەتلەر
ئىتتىپاقلىغى نەقەدەر ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭار ئىدى ؟
توۋۋا!!!!!! مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۇچلۇك دىگەندەك ئوغرى كومۇنىست ھاكىمىيتى
ئۆز جىنايىتىنى تۇنىماستىن قەھرىمانلىرىمىزنى ئوغرۇلۇق جىنايىتى بىلەن
ئەيىپلەپ ئۇلۇم جازالىرىغا ھۇكۇم قىلسا ئەڭ كۇلكۇلۇك يىرى بىر پۇتۇن خىتاي
خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوغرى دەپ تۇنىشىدۇر.ئەي جۇڭگۇ خەلقى بىلىشىڭلار
كىرەككى ھەقىقى ئوغرى ۋە قاراقچى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردۇر