ستوكھولمدا بومبا شۈبھىلىك بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

 

 

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ چوڭ بازارلىرىدىن بىرى بولغان شىستا سودا سارىيىدا 2011-يىلى 28- نويابىر دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 ئاشقاندا بۇلاڭچىلىق ۋە بومبا شۈبھە ۋەقەسى يۈز بەردى. بومبا مۇتەخەسىسى ۋە بىخەتەرلىك ساقلاش خادىملىرى ھەرىكەتكە كەلدى. سودا ساراينىڭ پۈتۈن كىرىش چىقىش ئىشىكلىرى تاقىلىپ كونترول ئاستىغا ئېلىندى. سودا سارايدا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ۋە سودا سارايدا ئىشلەيدىغانلار سىرتقا چىقىرىلدى.

ۋەقەنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلار 7-8 كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار يۈزلىرىگە نىقاپ تاقىۋالغان ۋە قوللىرىغا ئاپتومات كۆتۈرۈۋالغان بىر گورۇپ بۇلاڭچىلار ئىكەن، ئۇ بۇلاڭچىلار سودا سارايدىكى ئالتۇن دۇكىنىغا كىرىپ، ئالتۇن دۇكىنىدا ئىشلەيدىغانلارنى گۆرۈگە ئالدى. دۇكاندىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى يانلىرىدا بىرگە ئېلىپ كىرگەن سومكىلىرىنى توشقۇزغان، كېيىن بۇ نامسىز كىشىلەر نەق مەيداندىن دەرھال يىراقلاشتى.

بۇلاڭچىلار قېچىپ كېتىۋېتىپ سودا سارىيىغا سومكا ئىچىدە بومبا قويغانلىقىنى سۆزلىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بومبا خارابىلىك ئۇنسۇرى پەلەمپەينىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان بومبا سېلىنغان دەپ گۇمان قىلىنغان شۈبھىلىك سومكىنى تەسىرسىز ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، سودا ساراي ئىچىدىكى كۆزەتچى كامېرلاردىن ئۇ بۇلاڭچىلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈردى.

ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارغا دائىر قولىدا كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ئوغرىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا سودا سارايدىكىلەرگە ۋەدە بەردى.

بۇ ۋەقەدە ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، سودا سارايغا نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى كەلگەن ۋە ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان خادىملارنى ساراسىمگە سالدى. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ سودا ساراي تىنىچلانغۇچە ئارىدىن 4 سائەت ئۆتكەن بولۇپ. ئۇلار سودا ساراينىڭ ئىچى تىنىچلانغىچە تۆت سائەت سىرتىدا ساقلاپ تۇردى. كېيىن سودا ساراينىڭ ئىچى تىنىچلىنىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار قايتا سودا ساراي ئىچىگە كىرىپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

 

 

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى