مەھمەت قاپلان ئەپەندى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى
غەززىگە ئىنسانىي ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان پىدائىيلار قاتارىدا مۇستەبىت ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن (شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پارلامېنت ئەزاسى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ‹‹ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ›› مۇئاۋىن مەسئۇلى) مەھمەت قاپلان ئەپەندى،2-ئىيۇن كەچ سائەت7:50 ئۆتكەندە ئامان ئىسەن شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلدى.ئۇ، شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىدىن تەركىپ تاپقان ئىخلاسمەنلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئارلاندا ئايرودرومىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىندى.
ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن ئالدىراشلىقى سەۋەپلىك ئەل جامائەت بىلەن تۇلۇق دىدارلىشىپ بۇلالمىغان مەھمەت قاپلان ھەر ھەپتىلىك جۈمە نامىزىنى (شىۋېتسىيەدىكى مەسچىتلەرنى ئارلاپ يورۇپ ) مەلۇم بىرمەسجىدتە ئۇقۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىگە سالام بىرىپ چىقتى.
بۈگۈن يەنى، 2010- يىل 06- ئاينىڭ 18- كۈنى، مەھمەت قاپلان ئەپەندى. ستوكھولم شەھىرىدىكى چەتئەللىكلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولغان رىنكېبىي تۈرك مەسچىتىدە جۈمە نامىزىنى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىرگە ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ئۇ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى رەسمى ھالدا زىيارەت قىلدى ،بۇ،قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئۇ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ (شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى شىۋېتسىيەدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ھازىرلىغان) كەلگۈسى پىلان لاھىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە بۇ،ھەقتە بەزى مەسىلىلەرنى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى.

سۈرەتتە: 2010- يىلى 06- ئاينىڭ 18- كۈنى، مەھمەت قاپلان ئەپەندى ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىغدىكى، مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىدە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۈرنۈشى
مەھمەت قاپلاننىڭ ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا قىلغان زىيارىتىدىن خەۋەر تاپقان (ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق) ئۆزبېك ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەتمۇ. بۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىپ زىيارەتكە ئىشتىراك قىلدى، ئۇلار مەھمەت قاپلانغان قازاقىستان ، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى ، ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبېكلەرنىڭ قىرغىزىستاندا قىرغىزلار تەرىپىدىن قىرىلۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمى