مەھمۇد قەشقىرى مەكتىپى     

      

مۇندەرىجە

1 -مەكتىپىمىز توغرىسىدا

   

2ـ بىزنىڭ نىشانىمىز

 

3 -مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى

 

4- ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز

 

5 -ئۇقۇغۇچىلاردىن كۈتۈدىغىنىمىز

 

6 -باللارغا سوۋغا

 

7 -مەكتىپىمىز ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى

 

8 - مەكتەپ كالېندارى                                                                                                                                                                                 

9- دەرس سېتكىسى

 

 -------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------- ---

 

   

-1مەكتىپىمىز توغرىسىدا   

 

مەكتىپىمىز 2006- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 2007- يىلى 6- ئايدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرپىدىن رەسمىې ئەنگە ئېلىنىپ مەكتەپ قاتارىغا تىزىملاندى.

مەكتىپىمىزدە ھازىرغىچىلىك تىل، ئەدەبىيات، ئەخلاق، ۋە دىندىن ساۋاد دەرىسلىرى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ يەنە ئۇيغۇر تارىخى، جۇغراپىيە دەرىسلىرىمۇ قۇشۇمچە ئۆتۈلدۇ

مەكتىپىمىز ھىچقانداق بىر سىياسى تەشكىلات ياكى دىنىي ئورگانغا بېقىنمايدىغان، شىۋېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش نىزاملىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئەڭ ئىلغار بولغان پېداگوگىكىلىق مېتودلار بىلەن ئوقۇغۇچى تەربىيلەشنى ئاساس قىلىدۇ.

 

 

2ـ بىزنىڭ نىشانىمىز 

دەرىس ئۆتۈشكە كەسىپكە پىششىق، تەجربىسى مول ئۇقۇتقۇچىلار تەيىنلەنگەن بۇلۇپ، ئانا تىل دەرسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەنە بىر سائەت ئۇزارتىلدى. شۇ مۇناسىۋەت

 

بىلەن دەرىس ئۆتۈش ئۇسلۇبىمىزدىمۇ ئازىراق ئۆزگۈرۈش بولدى. ئانا تىل دەرسى ئاڭلاش، كۈرۈش مەشقى، سۆزلەش مەشقى، ۋە ئۇمۇمى ساۋادتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، كونكرېت شەكلى تۆۋەندە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش پىلانىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى. ئىلغار مېدىئا ۋاستىلىرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىسنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئۇقۇتۇش مۇھىتى يارتىپ باللارنىڭ خاراكتىرىغا ماس ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزقىشىنى ئويغۇتۇش ۋە ئىجاتچانلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھىتتا بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا مۇكەممەل سەۋىيىگە يىتىپ، ئۆز مەدىنيىتىمىز ۋە تىلىمىزنى قوغداش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيلەش بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر.

 

3-مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى 

                                 

ئەخلاق دەرسىدە ئىنسان تەبىئىتىدە تۇغۇلما ھالەتتىن تارتىپ بار بولغان ساغلام تەۋھىد (monotheism) ئىدىيسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ئويغۇتۇش، ۋە ئۇنى ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ سۆز ھەركەتلىرىگە ئوي تەپەككۇرلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پەللىگە كۆتۈرۈش، ئۇلارنى ئىسلامى گۈزەل ئەدەپ ئەخلاقلار بىلەن قۇراللاندۇرۇش، كىشلىك مۇناسىۋەتتە پىكرى ئوچۇق، ساغلام خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندۇ.

ئەخلاق دەرسى ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە 45 مىنۇت ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىلغان بۇلۇپ، دەرس ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر ھەپتە جەريانىدا مەكتەپتە ۋە ئۆيدە كۆرگەن _بىلگەنلىردىن ئالغان ھەر خىل تەسىراتلىرنى ساۋاقداشلىرنىڭ ئالدىدا ئاغزاكى ئەركىن ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىش ۋە مۇئەللىمىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئىلمىي

يەكۈن چىقىرشى ۋە قۇشۇمچە ئۇنى شەرھىيلەپ بېرىشى شەكلىدە ئۆتۈلىدۇ.

يەنە ئۇقۇغۇچىلارغا ئىسلام تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى قىسسە شەكىلدە بايان قىلىندۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ،تەرەققىي قىلىشى ،دىننىڭ ئىنسانلار تارىخىدا ئوينىغان رولى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھالى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

    دىندىن ساۋاد دەرسىدە ئاساسلىغى بالىلارغا بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە ئايەتلىرى ئۆگۈتۈلىدۇ، يەنى بالىلارنىڭ دەسلەپكى قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

   قۇرئاننى بىمالال توغرا ئۇقۇيالايدىغان باسقۇچقا يەتكەن ئۇقۇغۇچىلارغا تەجۋىدتىن ئۇمۇمى ساۋاد بېرىمىز، ۋە ھەر بىر مەۋسۈمدە  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاز دىگەندە قۇرئاندىن بىر پارا ياد ئېلىشىغا ياردەملىشىمىز، بۇ مەۋسۇمدا باللارغا قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ( ئەممە ) پارىسىنى تەجۋىدكە ئۇيغۇن ياد ئالغۇزۇش بىزنىڭ پىلانىمىزدۇر.

 

4ـ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز

   مەكتىپىمىز ھازىرچە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى دائىمى ئەزالىرنىڭ ئايلىق بەدەل پۇلىنى ئاساسىي مەنبە قىلىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا مەرىپەتپەرۋەر ۋەتەنداشلارنىڭ خالىسانە ياردەم قولىنى سۇنۇشى بىلەن مەكتىپىمىز  داۋاملىشىپ كىتىۋاتىدۇ  ، ئىقتىسادىي ياردەملەر ئاساسەن مەكتەپنىڭ ئۇقۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇقۇتۇش بېناسىنىڭ ئايلىق كىراسىنى تۆلەش،ئوقۇغۇچىلارنى سەيلى

ساياھەتكە ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ.

  مەكتىپىمىزدىكى ئۈچ نەپەر ئانا تىلى ئۇقۇتقۇچىسى ۋە ئىككى نەپەر دىنى ساۋاد ئۇقۇتقۇچىسى بۇ مەكتەپتە ھىچقانداق ئىقتىسادىي مەنبە بولمىغان شارائىتتا ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە. بىز دەرس ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەردانە ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ،بىر جەھەتتىن  مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ئېھتىياج تەلىپىنى ھەل قىلىپ، يەنە بىر جەھەتتىن بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلنى ئەۋلاتمۇ–ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  يەنە بىر  ئاتا_ئانىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويىدىغىنىمىز، مەكتىپىمىز مەكتەپ ئورنىنى كېڭەيتىش ۋە دەرسلىك ماتېرىياللار توغرىسدا سىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي ياردەم سوراش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش باشقۇچىدا تۇرماقتا.   

5 ـ ئۇقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىمىز!

يېڭىدىن تۈزۈلگەن مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇغؤچىلارقائىدىسىگە بوي سۇنۇش، مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش. 

                                                      

 

 

                      

                                               

ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلەلمىگەندە چۇقۇم دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن مەكتەپكە مەلۇم قىلىشى، 10 كۈندىن ئارتۇق رۇخسەت سورىسا، چۇقۇم يازمىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، بۇنۇڭغا ئانىلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىمزا قۇيۇشى كېرەك.

تېلېفۇن نۇمۇرلىرى:

                      0735710908

 

6 -باللارغا سوۋغا

 

 

مەكتىپىمىز مەكتەپ كالېندارىدا پىلانلانغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن باشقا يەنە ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش (تەنەپپۇس) ۋاختىدا باللارنى بىر ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيمىز . تاماق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

 

*     بولكا ۋە قېزا

 

*     پىچىنە

 

 

*     قېتىق

 

               

*     تۇخۇم پوشكىلى

 

 

 

 

7 -مەھمۇد(قەشقىرى) مەكتىپى ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى

 

-1دەرىسكە ۋاختىدا كىلىش.كىچىكمەسلىك.3 قېتىمدىن ئارتۇق كىچىكسە ئۇقۇش نەتىجىسىدىن نۇمۇرتارتىش.

-2تاپشۇرۇقلارنى تۇلۇق ئۇرۇنداش.3 قېتىمدىن ئارتۇق تاپشۇرۇق تاپشۇرمىسا ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن نۇمۇر تارتىش.

-3مەكتىپىمىز ھەر مەۋسۇمدە ئۇقۇغۇچىلارغا شىۋېتسىيە مەكتەپلىردىكى نەتىجە سېستىمىسى بۇيچە كۆرسەتكۈچ تارقىتىدۇ، يەنى ئەلا، ياخشى، لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز دىگەن دەرجىلەر بۇيچە يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بىرىش پۇرسىتى بۇلۇپ، ئايرىم ئىمتىھان ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ.

-4سىنىپقا كىرگەندە تاشقى كىيىملەرنى ئىلغىغا ئىلىپ، دەرىسلىك كىتاپلار ۋە ئۇقۇش قۇراللىرىنى بىرگە سىنىپقا ئېلىپ كىرىش.

-5ھەر سائەتلىك دەرىس باشلىنىشتىن بۇرۇن يوقلىما قىلىندۇ.

-6دەرىس ۋاختىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قول تېلېفۇن ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىندۇ.

-7ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئەدەپلىك سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىش.

 

 

مەكتەپ كالېندارى

 

 

ئۇرۇن

پائالىيەت

ۋاقىت

ھەپتە

ھايۋانات باغچىسى

باغچا سەيلىسى

2007-9-29

 

 

ئۇيغۇر يېمەكلىكلەرنى مەيداندا سېتىش

 

 

 

؟

پاراخۇت سەپىرى

2007-10-27

 

 

 

 

 

كوكا كولا

شىركەت زىيارىتى

 

 

رئنكصبئي ساياهةت ظورنئ

كاۋاپ

2007-11-24

 

 

نۇتۇق سۆزلەش پائالىيتى

2007-12-01

 

خەلقارالىق كۈتۈپخانە

كۈتۈپخانە زىيارىتى

 

 

 

مۇزىي زىيارىتى

 

 

 

 

 

 

؟

كانكىي

2007-12-29

 

 

 

 

 

 

                                                                    

    دەرس سېتكىسى               

  

تىل

ئەخلاق،دىن

12:00_10:00

12:30_14:00

36_ھەپتە

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

      

 

تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى.                    

سەن بۈيۈك تىل،سەن يىتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى،      

سەن گۈزەل تىل،سەن سۈزۈك تىل،سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىغىم.      

سەن يۇۋاش تىل، ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.

 

 

 

مەھمۇد قەشقىرى مەكتىپى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات