ئۆز مىللىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى
مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئۆز ئالدىغا
ئەركىن بولغان بىرخىل سىھرى كۈچ، ئۇنى قۇرال كۈچى ئۆزىگە باش ئەككۇزەلمەيدۇ، ۋە
ياكى ئۇنى دۆلەتلەرنڭ سۇقۇۋالغان چىگرالىرى تۇسۇپ قالالمايدۇ،
مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ئەلۋەتتە قېلىپسىز بۇلۇپ ئۇنى ھەرخىل
بەدىئى يۇسۇندا كۇنكىرت ئپادىلەش ۋە ياكى ئابىستراكتىپ ھالدا ھەرتۈرلۈك يېرىم
يېپىق ئۇسۇللار بلەن ئەڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك ئپادىلەش مۇمكىن.
مۇھەببەت دىگەن قانداق نەرسە؟ دىگەن سۇئالنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىققا
ئەلمىساقتىن تارتىپ تا، زامانىمىزغا قەدەر بولغان ئۇزاق تارىختا يىتىشكەن
دۇنياۋى ئەدىپلر شائرلار قانچە تىرىشقان بولسىمۇ ،مۇھەببەتنىڭ ماقامىنى تامامەن
تەرىپلەپ تۈگىتىپ بۇلالمىدى.
مۇھەببەت دگەن بۇ سىھرى كۈچنىڭ تەسىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ خىلمۇـ خىل ئىش
ھەركەتلىرى ۋە سۆز تەلەپپۇزلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىدىن پەرىقلىق دەرىجىدە
مەنالىق ئپادىلىنىپ بۇ، خىل ھالەت
يازغۇچىلارنى نۇقۇپ قەلەمگە ئېلنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
ساماۋى مۇقەددەس كىتاپلارنى، خەلقارا دەرجىلىك ئەدىبى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن
ئەسەرلەرنى بىر بىرلەپ ۋاراقلىساق ئنسانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىگە بولغان
مۇھەببەتلىرى ئنسانلارنىڭ ئىلاھقا باغلىغان مۇھەببەتلىرى.ئنسانلارنىڭ جىمى
كائىناتقا تەبىئەت دۇنياسىغا باغلىغان مۇھەببەتلىرىنىڭ بايانلىرى دىللىرىمىزنى
سۈيۈندۇرمەي قالمايدۇ.
شىۋىتسىيەگە يەرلىشىپ قالغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىگە ۋە دۆلىتىگە
بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىلىرىمۇ ئادەمنى سۈيۈندۈرگىدەك
دەرىجىدە بۇلوپ، ئۇ، ياش ۋاقتىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىرىشكەن
مىدالنى تاپشۇرۇپ ئېىلىش مۇراسىمىگە شەرقى تۇركىستاننڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك
بايرىغىنى كۆتۈروپ چىقىش ئارقىلىق ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى خەلىق ئالەمگە
جاكالىغان بولسا،ئۇيغۇر خەلقى قەتلىئام قىلنىۋاتقان بۇ،كۈنلەردە مىللىتىنىڭ
دەرت ئەھلۋالىنى خەلىق ئالەمگە يىتەرلىك ئاڭلىتالمىغانلىغىدىن ئەپسۇسلىنىپ،
ئىزدىنىش ئارقىلىق ، ئاخىرى بار شارائىتىدىن پايدالىنىپ مىنىۋاتقان ماشىنىسىنىڭ
نۇمۇرتاختىسىىنى *ئۇيغۇر8* قىلىپ ياساتقان. ۋە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز
مىللىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تۇنۇتۇشنى ئويلىغان


ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى