قايغۇلۇق شۇمخەۋەر

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەرەبچە تور بېتىدە 3-دىكابىر پەيشەنبە سائەت 17:30 مىنۇت ئۆتكەندە بىرىلگەن شۇمخەۋىرىدە بىلدۈرلىشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ناھەق قولغا ئېلىنغان7 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس ئۈستىدىن ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى ئۆلۈمگە ۋە 2 نەپىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
.مۇھەممەت ئېلى ئىسلام
.مۇھەممەت تۇرسۇن ئالىم
.مۇھەممەت ئېلى ئەبۇلئەلقەم
.كوشيمان قۇربان
.خېلىل سادىر

بۇ قېتىمقى سوتقا تارتىلغان مەھبۇسلار جەمئى 13 نەپەر ئۇيغۇر بۇلۇپ قالغان 6 نەپىرىگە پەرقلىق دەرىجىدە قاماق جازاسى بىرىلگەن.
مەھبۇسلار خىتاي تىلىدا سوتلانغان بۇلۇپ سوتنىڭ جەريانى جاۋابكارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولغان يەنە باشقا بەش دېلو ئۈستىدىن 4-دېكابىر جۈمە كۈنى يەنە سوت ئېچىلىدىكەن.

http://arabic.news.cn/china/2009-12/03/c_13101533.htm مەنبەسى


 
*بىز ئەلۋەتتە اللە نىڭ ئىگىدارچىلىغىدىمىز (يەنى اللە نىڭ بەندىلىرىمىز)، چۇقۇم اللە نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز