رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەھمەت قاپلان ئەپەندى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدا ئۇچىراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 2010- يىلى 10- ئاينىڭ 06- كۈنى، شىۋىېتسىيە نارىن نەسىرىياتى تەرپىدىن شىۋېت تىلىدا تەرجىمە قىلىنغان '' ئەجدىھار بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال '' ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 6- ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەندە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمغا يېتىپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم، شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچىراشقان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرشىش يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇچۇرشۇشتا نېمە مەزمۇن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىق توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

رابىيە قادىر خانىم، شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ بولغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە نارىن نەشىرىياتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە '' ئەجدىھار بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال '' ناملىق كىتابنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىم ناھايتى رېتىملىك باشلىنىپ غالبىلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، مۇراسىمغا ستوكھولمدا ياشىاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شىۋېتلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بۇ كىتابتىن سېتىۋېلىشتى.

رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ھەمدە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوسلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇچۇراشتى.

 

بۇ ئۇچۇرشۇشتا، رابىيە قادىر خانىم، مەھمەت قاپلان ئەپەندىگە قانخور خىتاي ھاكىميىتىنىڭ 61 يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن سىرت، مۇھىم مەسىللەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

تۆۋەندە رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەھمەت قاپلان ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكى ئۇچرىشىشتىن بىر قانچە كۆرنىش

 

سۆھبەت ئاخىردا، رابىيە قادىر خانىم، مەھمەت قاپلان ئەپەندى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىرلىكتە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە ھەممەيلەن بىرلىكتە غىزا يىدى.

سۆرەت: 2010- 10- 09- كۈنى، رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەھمەت قاپلان ئەپەندىنىڭ ئۇچۇرشىشتىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە تاماق يىگەن كۆرنۈشى.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى.