شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيلىك تۈزۈلۈشى

 

مەملىكىتىمىز شەرقى تۈركىستان دېڭىز- ئوكيانلاردىن يىراق، تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار،كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالى قىسمىدا ئالتاي تېغى، جەنۇبىدا كۆئىلۇن تېغى بار. تەڭرىتاغ مەملىكىتىمىزنى(جەنۇبى شەرقى تۈركىستان ۋە شىمالى شەرقى تۈركىستان) دەپ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. تارىم ئويمانلىقى تەڭرىتاغ بىلەن كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى530مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 330مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ دۇنيا بۇيىچە2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن2100 كېلومېتىر كېلىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا يەر يۈزىدىن 155 مىتېر تۆۋەن بولغان تۇرپان ئويمانلىقىدۇر ( تۇرپان ئويمانلىقى دۇنيادىكى ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسا ئىككىنچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ) . ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولسا يەر يۈزىدىن 8611 مىتېر ئېگىز بولغان پامىر چوققسىدۇر.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆدىتىل كىلىماتقا تەۋە بۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل يېغىن مىقدارى155مىللىمېتىر. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى شەكىللەندۈرگەن، بوستانلىقلار بولسا ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق كۆلىمى شەرقى تۈركستاننىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمىنىڭ5% تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قارا قۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پاكىستاننىڭ ئىسلام ئاباد شەھرى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ قەشقەر شەھىرىنى(خونجىراپ ئېغىزى)ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

خوشنىلىرى تۆۋەندىكىدەك:

خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قېرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، تىبەت، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان.

ئەسكەرتىش:

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،مەملىكىتىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك تۈزۈلۈشى ھەققىدە تەپسىلىرەك يېزىلغان ماقالىڭىز بار بولسا بىزگە يوللاڭ!

تورداشلارمۇ پايدالانسۇن!!!