شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 31- نۆۋەتلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى مۇنبەرگە ئېسىلدى

شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى « رابىت ئىسلام » نىڭ 2011-يىلى 24 —دېكابردىن 26- دېكابرغىچە داۋام قىلغان 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ 3- كۈنى 26- دېكابر دۈشەنبە، رابىتىل ئىسلامنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشقان سىراجىدىن ھاجىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەكرار سەھنىگە چىقتى.

سىراجىدىن ھاجىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىلىك ئالاھىدىكىلى،تەبىئى بايلىقى، نوپۇسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرى قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى تۈۋەندىكىدەك ئايرىم—ئايرىم تۈرلەرگە بۈلۈپ ئاڭلاتتى.

1-پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ رەسمى قانۇنغا ئايلىنىشى، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ چەكلىنىشى.

2-دىنى تەلىم-تەربىيەنىڭ چەكلىنىشى.

3— ئاياللارنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ۋە ھۈكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن مەمۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىىشنىڭ چەكلىنىشى .

4-ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش ۋە چەتئەلگە چىقىش يۇلىدا دۈچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى.

5-دىنى مەكتەپ ۋە قۇرئان كۇرسلىرى ئاچقانلارنىڭ ئېغىر جازاغا مۇبتىلا بۇلىشى.

6-ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ۋە مالايسىيە،تايلانت،كومبۇدىيە،نىپال،پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى پۇلغا تاينىپ شۇ دۆلەتلەردىكى ئاچكۆز ھۈكۈمەتلەردىن سېتىۋېلىپ قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىى ۋە قايتۇرلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر يوقلىغى.

7-2009- 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە تىنچلىق يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان نامايىشىنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللار ئارقىلىق باستۇرغانلىقىى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىى، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە قىينىلۋاتقانلىقىى ۋە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرەكلىرى بولمىغانلىقى.

8- ئاياللارنىڭ ياغلىق ئاتىشىنىڭ ۋە يۈزىنى يۆگشنىڭ چەكلىنشى.

9-ھېيلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئويناۋاتقان ئويۇنلىرى ۋە كۆز بويامچىلىقلىرى .

سىراجىدىن ھاجىم سۈزىنىڭ ئاخىردا ھەممە تەرەپكە رەخمەت ئېيتش بىلەن بىرگەئىسلام دۆلەتلىرى ۋە

جەمئىيەتلەردىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە مۇنداق دىدى:

”بىز يا ئۆلىمىز، ياكى غەلىبە قىلىمىز“

يىغىن باشقۇرغۇچى مۇنداق دېدى: بىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قانچە كۆپ ۋاقىت ئاجىراتساقمۇ، قانچە كۆپ ياردەم قىلساقمۇ يەنىلا بىز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغان بولمايمىز. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىلمىگەنلىكىمىز ۋە بىزدە مەلۇمات بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى ئادا قىلالماي كەتكەن مۇھىم داۋالاردىن بىرى.

تۈنۈگۈنكى يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىمىزدىن كېيىن كۆپىنچە ئايال ھەمشىرىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىئانە توپلىمايسىلەر دېگەندەك تەلەپلەرنى قىلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردىنلا تەكبىر ئېيتىپ زال ئىچىنى زىل زىلگە سالدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى، سىمۋول سۈپىتىدە سەھنىدە سېتىلىشقا باشلىدى ۋە ئىككى يېرىم سائەت ئەتىراپىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى يىغىن سەھنىسىدىكى مۇنبەرگە ئېسىلغان ھالەتتە يىغىن ئاخىرلاشتى.

يىغىن ئاخىردا سۈرىيەدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قارى شەرقىي تۈركىستاننى مەدھىيىلەپ مەرسىيە ئوقۇدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىدى. ئاخىردا يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەدىيە تەقدىم قىلىش بىلەن 3 كۈنلۈك يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى