شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى ( رابىتىل ئىسلام ) نىڭ 2011-يىلى 24- دېكابردىن 26- دېكابرغىچەئۆتكۈزگەن 31- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنغا شەرەپ مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى رادېئوسىنىڭ دېرىكتورى سىراجىددىن ئەزىزى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. ئالدى بىلەن مەخسۇس ئىشلەنگەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرىدىغان ئون مىنۇتلۇق ئەرەبچەھوجققەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.فىلىمنى كۆرگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى، ۋە شىۋېتسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى بىرىشتى.

يىغىن جەريانىدا سۈرىيەدىن تۈركىيە چىگرالىرىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان مۇساپىرلارغاياردەم بولسۇن ئۈچۈن سۈرىيە بايراقلىرى سىمۋول سۈپۈتىدە سېتىلىۋاتقان ۋاقىتتا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايراقلىرىنىڭمۇ سىمۋول سۈپۈتىدە سېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. ئىراقتىن كەلگەن پىشقەدەم ئالىم نەھمەت قۇبەيسى ھەزرەتلىرى مۇنداق دېدى:بىز پۈتۈن ئەرەبلەر ئامېرىكا مەغلۇپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، خىتاي غالىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ خوشاللىنىۋاتىمىز، ئەمما سىلەرگە دەپ قويايكى: ئامېرىكا ئىسلام دۇنياسىنى بوزەك قىلىش ۋە ھەر جەھەتتىن بېسىم قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن بىلەن خىتاي كەلسە ھەممىڭلارنى يۇتۇپلا كېتىدۇ.

لوندۇندىن كەلگەن « دېئالوگ تىلۋېزىيىسىنڭ دېرىكتورى ئەززەم ئەلتەمى » خىتاينىڭ ئەرەب باھارىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتايلار ئەرەب باھارىدىن كۆپ بىئارام بولماقتا، چۈنكى خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى يېڭى ھاكىمىيەتلەردىن ھازىرقىدەك پايدىلىنالماسلىقىنى بىلىدۇ. ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر « شەرقىي تۈركىستان » غا تەسىرى كۆپ يېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .

پەلەستىنلىك ئالىم: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بولغاندىن كېيىن، « شەرقىي تۈركىستان » ناملىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرىدىغان روماننىڭ پەلەستىن روھانى لىدېرى ئەھمەد ياسىر تەرىپىدىن يۈز مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتۈن پەلەستىن خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۇنۇشقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى .

مىسىردىن كەلگەن دوكتور خىزرە مۇنداق دېدى: بىز ئەرەب دۇنياسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش مۇھىم ئىسلام داۋالىرىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. مانا بۇ، بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ، بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتۇق، مانا بۈگۈندىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ مەلۇمات ئىگەللىشىمىز لازىم. سىراجىدىن ئەپەندى دېگەندەك پەقەتلا ئۇلارغا دۇئاغا قول كۆتۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلار بىلەن بىرگە بولىشىمىز لازىم. قولىمىزدىن كەلگەنچە ياردەم قولىمىزنى سۇنىشىمىز لازىم، دېدى. يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ، تەپسىلى ماقالە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئارقا- ئارقىدىن سۇئاللار ياغدى ۋە يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستانغا ھېسداشلىق قىلىش كەيپىياتى ھۆكۈم سۈردى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجىرتىلىدىغانلىقىى ئېلان قىلىندى.

لوندوندىكى « دېئالوگ » تېلېۋىزىيۇر قانىلى دېرىكتورى دوكتور ئەززەم ئەلتەممى « مەزكۇر تېلېۋېزوردا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدەمۇنازىرسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋاسىغا ئوخشاش مۇھىم داۋالارغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى