ئەرباكان ئۈچۈن غايىۋى جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

نەجمەتتىن ئەرباكان ئۈچۈن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

تۈركىيىنىڭ 54- دۆلەت رەئىسى ۋە تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەرھۇم نەجمەتتىدىن ئەرباكان ئۈچۈن پايتەخت ستوكھولمغا جايلاشقان مەركىزى مەسچىت ( مېدبورگار پىلاتىس ) دە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباكاننىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى، 2011- 03-04- كۈنى، يەنى جۈمە كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلدى. نامازغا مىللىي گۈرۈش تەشكىلاتى، شىۋېتسىيە ئىسلام تەشكىلاتلىرى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشلەر قاتناشتى.

 

بۇ جىنازا نامىزىغا تۇنىستىن كەلگەن، شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ بۇرۇنقى مەسئۇلى مەھمۇت خەلفى ئىماملىق قىلدى.

مەرھۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان جىنازا نامىزىدىن كېيىن شىۋېتسىيە مىللىي گۈرۈش تەشكىلاتى مەركەز مەسچىتنىڭ يىغىن زالىدا ۋەتەنداشلارنىڭ تەزىيەسىنى قوبۇل قىلدى.

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلار، تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىگى، تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى دىيانەت ئىشلار ئىدارىسى، شىۋېتسىيە ئىسلام فېدراسسىيونى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشلەر قاتناشتى.

تەزىيە جەريانىدا، شىۋېتسىيە مىللى گۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىھان تۈمتۈرك ئەپەندى، نەجمەتتىن ئەرباكاننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى قىسقىچە ئاڭلاتتى.

شىۋېتسىيە مىللى گۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، ياۋۇز سەلىم سۆز قىلىپ. مەرھۇم ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىق مەرھۇمنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەۋسىيەلىرنى، نەسىھەتلىرى بۇيىچە ئىش كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

تەزىيە داۋامىدا، شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى رابىت ئىسلامنىڭ بۇرۇنقى مەسئۇلى مەھمۇت خەلفى سۆز قىلىپ. مەرھۇمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىدىن تۈرك خەلقىلا ئەمەس بەلكى ئەرەب جەلقى ئىچىدىمۇ تەسىرى چوڭ ئىكەنلىكىنى ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتلىرىدىن مۇسۇلمانلارلا ئەمەس بەلكى مۇسۇلمان بولمىغان باشقا دىندىكىلەرمۇ پايدىلانغانلىقىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. مەھمۇت خەلفى سۆزىدە يەنە: ئىنسان ھايات ۋاقتىدا قانچىلىك قەدىر قىممىتى بولسا ئۆلگەندىمۇ شۇنچىلىك قەدىر قىممىتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەرھۇم ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقى ، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى جىنازا نامىزىغا قاتناشقان جامائەتنىڭ كۆپلىكىدىن كۆرۈۋالالايمىز دېدى.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى