ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندىن بۇيان خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا چىدىمىغان ياشلار ھەر-خىل يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى كۈنسىرى ئاشماقتا، يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك، دۇنيانىڭ چاقى ئۇيغۇرغا تەتۈر چۆگىلەۋاتقاندەك يېقىندا شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن ئىككى ئۇيغۇرنى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۋېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2012-01-08-كۈنى شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلەپ رەت ۋە قايتىش رۇخسىتى چىققان ئۇيغۇرلارغا سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.

بۇ ئۇچۇرۇشقا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئابدۇلكېرىم كىۋىر، فەرۇق ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ھەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇش شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دە باشلىنىپ 21:30 دە ئاخىرلاشتى. بۇ ئىككى يېرىم سائەتلىك ئۇرۇشۇشتا جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە قاتناشقانلار مۇھىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى