تىلغا تىغ سالغان ئۆزىمىز
ۋەتىنىم ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن:ئەركمان ئەپەندى
مەن ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ھەر يىلقى " ئىككى يىغىن “
نى -1986يىلىدىن بېرى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدىم ، تەخمىنەن چارەك ئەسرلىك
بۇ مەزگىلدە مەن ئۆزىمىزنىڭ قالتىس ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئاجايىب
ئىشلىرىنى ئۇچراتتىم ،بەزىدە شۇنداق ئويلىنىپ قالىمەنكى , ئانا تىلىمىزنىڭ
ھەلقۇمىغا تىغ ئۇرغانلار يەنىلا ئۆزىمىز ئىكەنمىز ! بۇ ھەقتىكى ئىزاھىمنى
ئاددىيلا بايان قىلسام گەپ مانا مۇنداق :مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە مۇەييەن
سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىشقا ھوقۇق بېرىلگەن ئۇيغۇر
ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇر ئەزالار بار . مەن ئۇلارنىڭ چوڭ يىغىنلاردا ، گۇرۇپپا
يىغىنلىرىدا سۆزگە چىقىپ پىكىر بايان قىلغاندا بىرەرسىنىڭمۇ ئانا تىلدا
سۆزلىگىنىنى ئۇچراتمىدىم ، ئۇلارنىڭ قولاشمىغان ناھايىتى قاتتىق خەنزۇچە
تەلەپپۇزى بەزىلەرگە خۇش ياقمىسا بەزىلەرنى كۈلدۈرۈۋېتەتتى . ئېسىمدە
تۇرۇپتۇ . 20-ئەسرنىڭ 80- يىللىرى ۋە 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان
مەزگىلدە يازغۇچى ، ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، مەشھۇر تىلشۇناسىمىز
ئىبراھىم مۇتئىي ، ئالىمىمىز ئابباس بۇرھان ،ئۆزبېك تەتقىقاتچى قادىر
ئەكبەر ،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ، مۇھەممەد باغراش قاتارلىق كىشىلىرىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش داىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سىياسىي
كېڭەش ئەزالىرىدىن ئىدى ، گەرچە ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى پۇختا بىلسىمۇ
( ئەختەم ئۆمەر بۇنىڭ سىرتىدا ) ئەمما ئۆز ئانا تىلىدا پىكىر بايان قىلاتتى
، تەكلىپ بېرەتتى . ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8-نۆۋەتلىك
كومىتېتىغا( 1998-يىلى ) كەلگەندە ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپى يېڭىلاندى ،شۇنىڭدىن
بۇيان بىرمۇ ئەزانىڭ (دىنى ساھەسىدىكى ئەزالاردىن باشقىلىرى ) ئانا تىلدا
سۆزلىگىنىنى كۆرمىدىم ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئابدۇرەقىب
تۆمۈرنىياز داموللا ئۆزى تەۋە بولغان ياشلار بىرلەشمىسى ساھەسىدە ناھايىتى
راۋان خەنزۇ تىلىدا سۆزگە چىقىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەقىقىي قوش تىللىق ( خەنزۇچە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنى پۈتتۈرگەن ) ! ئۇلارغا خىل تەرجىمانلار سەپلەپ
بېرىلگەن تۇرۇغلۇق يەنە شۇنداق قولاشمىغان تەلەپپۇزىنى كۆز-كۆز قىلىپ ،
خۇددىي شۇ تىلدا سۆزلىمىسە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغاندەك تەخىرسىز
قىياپەتتە خەنزۇچە سۆزلەيدۇ ، شۇغىنىسى قىززىقكى ، ئاپتونوم رايونلۇق
سىياسىي كېڭەش ياكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇلارنى خەنزۇ تىلىدا
سۆزلەشكە قىستىمايدۇ ، ئەكسىنچە يىغىن ئۈچۈن 42 تەرجىمان (21-ئەسردىن بۇرۇن
60 تەرجىمان ) ئاجرىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئانا تىلدا ئۆز جايىدىكى خەلقنىڭ
تۇرمۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشنى ،بۇ ھەقتە
پارتكوم ،ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي
تەكلىپلەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، شۇنداق تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا
ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئۇنتۇپ ،قولاشمىغان خەنزۇچە تەلەپپۇزىنى كۆز-كۆز
قىلىشىدۇ.بۇ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ، ئانا تىلىنى تېخىمۇ ياخشى
بىلىدىغانلىرىغىغۇ بوپ بېرىدۇ ،ئۇلار زادىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي ئۆزلىرىنىڭ
خەنزۇچە سەۋىيىسىنى كۆز-كۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىشىپ كېتىدۇ .
مەن باشقا ھەقتە توختالمىدىم ،پەقەت تىل مەسىلىسىدىلا ئوبيېكتىپ
مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . پارتكوم ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق
قىزغىنلىقىنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىنى ھەممەيلەن بىلىدىغان بوپتۇ،
دەپ ئويلاپ ئانا تىلىمىزغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن
تىلماچلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاپ بارماقتا. ئاشۇ ئەزالىرىمىز (
ۋەكىللىرىمىز ) ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ. دېمەك،
تىلىمىزغا تىغ ئۇرۇۋاتقانلار ئۆزىمىز بولماي كىم ؟ بالا يىغلىمىسا ئانا
ئەمچەك سالمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ساناپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا
قاتناشقاندىكىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن،
پارتكوم،ھۆكۈمەت " ئۇيغۇر مىللىىتىگە ۋەكىل بولغان بۇ يولداشلارنىڭ
قىزغىنلىقىدىن قارىغاندا پۈتكۈل خەلق مۇشۇنداق ئويدا ئوخشايدۇ ‘‘ دەپ
ئويلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئېھتىياجنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان.مەن بۇ ئاددىي
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسام نۇرغۇن قارشى پىكىرگە ئۇچرىشىم مۇمكىن ،ۋەھالەنكى
بۇنىڭلىق بىلەن پارتكوم-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كېتىشىممۇ
ناتايىن.مەن ئەزەلدىن مىللىتىمىزدىكى ناچار تەرەپلەرنى كۆرۈپ يېتىش
كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ، ئاشۇ ناچار تەرەپلەرىمىزدە
يۇقىرى ئوبيېكتىپلىقمۇ يوق ئەمەس. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر
قېتىملىق ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى ئەزاغا تەرجىمان بولدۇم ، ئۇ
ئىككى ئەزا خەنزۇ تىلىنى پەقەتلا بىلمەيدىغان بىر ھاجىم ۋە بىر ياش تاجىك
ئەزا ئىدى ، ھەم ئۇلاردىن ئانا تىلدا پىكىر بايان قىلىشنى ،ئۇلارغا تەرجىمە
مۇلازىمىتى قىلىپ بېرىشتە ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە تىرىشىدىغىنىمنى
بىلدۈردۈم. ئۇلار مەن دېگەندەك قىلىۋىدى ،مەن سەل قىينالساممۇ شۇنداق خۇش
بولدۇم !