تۇغۇلۇش ھوقۇقى يوق ئۆسمۈرلەر

 

دۇنيادىكى بالىلار ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 -نويابىر كۈنىدە بولىدىغان دۇنيا بالىلار كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان لايىھەلەرنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مىنى قاتتىق ئويغا سېلىپ تەپەككۇر خاتىرەمنىڭ بۈگۈنكى بېتىگە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۇئال بەلگىلىرىنى چۈشۈردى.
-1959-يىلى 20-نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
تەرىپىدىن بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى، بۇ ھەقتە قانۇن بەلگىلىمىلەر تۈزۈلۈپ، تۈزۈلگەن قانۇنلار بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىگىدە ۋە دۇنيادىكى ئالاقىدار تەرەپسىز تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىدە دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتى. مەزكۇر خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ 30 يىلدىن كىيىن دەل20 -نويابىر كۈنىدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان بىر ئتتىپاقنامە تۈزۈلۈپ ئۇنىڭغا 193 دۆلەت قول قۇيۇشتى، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارادىكى بالىلارنىڭ ئاساسى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پۈتۈن دۇنيادا تىچ بىر مۇھىت يارىتىش ھەققىدىكى خىتابنامە ئىدى.

گۈزەل
كىلەچەكنىڭ ئىگىلىرى ۋە كېلەچەك دۇنيانىڭ باغۋەنلىرى بولغان دۇنيادىكى بارچە ئۆسمۈرلەرنىڭ بۈيۈك ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك خىتابنامە ۋە ئىتتىپاقنامىلەر نى تۈزۈپ ئۇنى ئىجرا قىلىشنى ھاكىملارنىڭ ئىنساۋىغا ھاۋالە قىلىش يەنىلا كەمچىللىك قىلاتتى.

چۈنكى
مەزكۇر خىتاپنامىغا تۇنجى تۈركۈمدە ئاكتىپلارچە قول قۇيۇپ، ئەمما ئۇنى ئۆزلىرى بېسىۋالغان رايونلاردا تۇغۇلۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە ئىجرا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز قوۋمىنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ پەرقلىق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىدەك ساقتىپەز دۆلەتلەر دۇنيادا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە، مەزكۇر خىتاپنامىغا ئەسلا قول قويمىغان دىكتاتور دۆلەتلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى.

ئۆز تەۋەلىكىدىكى شەھەر ئاھالىلەردە، بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆسمۈرلەر ياشايدىغان تەربىيىۋى ئورۇنلار بىلەن يېزا قىشلاق ئاساسى قاتلاملاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆسمۈرلەر ياشايدىغان تەربىيىۋى ئورۇنلار ئارىسىدىكى ئاسمان زىمىنچە زور فەرىقلەرنى تەناسۇپلاشتۇرۇشىنىڭ ئورنىغا چوڭ شەھەرلەردىكى بايلارنىڭ ۋە ھاكىملارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئاقىللار مەكتىپى ئېچىش ۋە گۆدەك بالىلارنى پىئۇنىر ئەتىرتىگە ئايرىش ئارقىلىق بالىلار ئارىسىدا سىياسى تەبىقە گۇروھۋازلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرگىمۇ دىكتاتۇرلوق ئۆگىتىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ،بۇ خىتابنامىسى ئەجىبا ئىسىدىن چىقىرىپ قويغانمىدۇ؟

مەزكۇر خىتابنامە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقى بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسى زىدىيەتكە ئۇلارنىڭ قۇساقلىرىدىكى تۆرەلمىلىرىنىمۇ سېتىۋېلىپ بوۋاقلارنىڭ نورمال تۇغۇلۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ ئۇلارنى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزماستىن جانلىرىغا زامىن بولۇشتەك ئېغىر جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەسمۇ؟

ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدا
تەربىيىلىنىش ۋە بېقىلىش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسى ھوقۇقلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولسا كېرەك ، ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن 5- ئىيۇل نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن سىرت ئۇلارنىڭ قۇچاقلىرىدا كۆتۈرۈپ كېلىنگەن كىچىك بالىلىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يات ئادەملەرگە بېقىۋېلىشقا تارقىتىپ بېرىلدى.

ئەجىبا ئۇ ئۆسمۈرلەر ھوقۇقسىز تۇغۇلغانمۇ؟


ھىندىستانلىق شائىر
رابىندرناس تاغۇر بالىلار ھوقۇقىنى كۈيلەپ يازغان قەسىدىسى ئارقىلىق دۇنيانى بالىلار ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. كۆپ پەرزەنتلىك بولغان ئاتا- ئانىلارغا جەرىمانە قۇيۇپ جازالايدىغان خىتاي كومۇنىستلىرىغا جازا بېرىدىغان ، ئەڭ ئەقەللىسى ئۇلارنى ۋاسىتىلىك توسۇپ قەلەم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان بىرە تەشكىلات يوقمىدۇ؟

ئەي دۇنيا خەلقى! بىر يىل ئىچىدە ئارانلا بىر كۈننى بالىلار كۈنى قىلىپ
بىكىتكىنىڭلار ئۇلار ئۈچۈن ئاز كەلگەندىن سىرت، ئۇ بىر كۈننىڭ خوشاللىغىدىنمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تامامەن مەھرۇم ياشىماقتا. ئۇلار سىلەرنىڭ كۆپرەك ھىسداشلىغىڭلارغا موھتاج.


ئەي كىچىك بالام ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە چېلىق، كۆرسۇن!

سوڭرە ئۇلار بارچە
كائىناتلارنىڭ مەنىسىنى تونۇسۇن!

ئۇلارنى
كۆيدۇرىۋال! سوڭرە ئۇلار بىر- بىرىگە كۈيۈشسۇن!

تاغۇر قەسىدىسىدىن پارچىلار.

2009-يىلى 06-نويابىر ستوكھولم