تۈركىيىدە «تۇراندا بىر يالغۇز ۋەتەن بار- شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئەركىن ئاسىيا رادىئو خەۋىرى: 2011‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى تۈركىيىنىڭ بولۇ شەھىرىدىكى ئابانت ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۇراندا بىر يالغۇز ۋەتەن بار-شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىن ئابانت ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى ۋە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھمىيىتى، تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە يەنە تۈركىيە قاتارلىق دۇنيا جامائىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە بۇنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى مىسال قىلىپ ئاڭلاتتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زۇلۇم، ئىسكەنجىلەر ۋە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلاتقان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. بۇ فىلىمنى كۆرگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ گۆكخان چاكىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ خىتايغا ئوخشاش زالىم بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئەڭ بەختسىز تۈرك يۇرتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ گۆكخان چاكىر ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز، پەلەستىندىن، سومالىيىدىن، سۈرىيەدىن، رېجىمغا قارشى مۇخالىپ كۈچلەردىن ئاز زۇلۇم كۆرگەن خەلق دەپ قاراش غەپلەتلىكتۇر. دىنىمىز بىر، مىللىتىمىز بىر بولغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان بىرلا پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ باشقا-باشقا جۇغراپىيىدە ياشاش. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكنىڭ ئۇۋالى سىياسىيونلارنىڭ، مەتبۇئاتلارنىڭ، تارىخچىلارنىڭ ۋە تۈرك مىللەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىدا. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان مىللىتىمىز، شەرقىي تۈركىستان قەيەردە، ئۇيغۇرلار كىم؟ بۇلارنى بىلگەن ھامان قېرىنداشلارغا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلايدۇ. ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنى تونۇتۇش تور بېكەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك. ھەر قانداق مىللەتپەرۋەر تۈركنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ جىددىي ۋە سىستېمىلىق پىلان تۈزۈپ تەرتىپلىك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. تۈرك مىللىتىنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ ئەبەدىي دۈشمىنى بولغان خىتاي بارغانسېرى كۈچلەنمەكتە ۋە دۇنيا كۈچى بولۇشنى نىشان قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە مەركەز بانكىسىدىكى ئامېرىكا دوللار زايۇملىرى بىلەن ئامېرىكىغا تەھدىت قىلىدىغان ھالغا كەلدى. بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىشنىڭ، بەزىلىرى يوقسۇللۇقنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىردىن-بىر قۇتۇلۇش ئۈمىدى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم يولى كۈچلۈك بىر تۈركىيە ۋە تۈرك بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باغلىق.

يىغىندا يەنە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت جەمئىيىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى دوكتور ھامدى زەنگىنبال ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىن باشلاپ بىلىدىغانلىقىنى ۋە كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىنسانىيەتنىڭ بىر پاجىئەسى دەپ باھا بەردى.

دوكتور ھامدى زەنگىنبال ئەپەندى سۆزدە يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان پەرقى بولسا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تۈركلۈككە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆك رەڭ بىلەن بۇيالغان. تۈركىيە كۈچلۈك بىر دۆلەت، شەرقىي تۈركسىتاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەك. جەمئىيىتىمىزدە شەرقىي تۈركسىتان چۈشەنچىسى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلاردىن خەلقنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يىغىن، مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى داۋام قىلىمىز.

يىغىندا يەنە، بولۇ شەھەرلىك ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ مۇدىرى دوكتور ھەسەن لۈك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇھىم بىر تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇغانلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: تۈرك جۇغراپىيىسى بالقانلاردىن خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان كەڭ بىر جۇغراپىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا 35 مىليون ئۇيغۇر تۈركى ياشايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يۈز ئۈستى بايلىقى كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ يەرنى ئەھمىيەت بېرىپ قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدىغان بىر رايون دەپ قارايدۇ.

يىغىن ئاخىرىدا دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. يىغىن 3 سائەت داۋام قىلغاندىن كىيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى