ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرى تۈرك تەقۋا جەمىيىتىدە مەھمەت قاپلان بىلەن بىرگە

غەززىگە ياردەمگە بارغان كېمىلەر ئىچىدە شىسېتسىيەدىن بارغان كېمىدە شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندىمۇ غەززىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن غەززىگە بارغان بولۇپ نەتىجىدە ئىسرائىيل ئەسكەرلىرى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ دېپلۇمات سەۋەبى بىلەن ئىسرائىيل ئەسكەرلىرى تەرپىدىن ئەڭ دەسلەپتە قۇيۇپ بېرىلىپ شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. 2010-06-04 كۈنى. جۈمە كۈنى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيۇشتۇرشى بىلەن شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئىسرائىيل ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشتىن كېيىن . شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئىسلام جەمىيەتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك تەقۋا جەمىيىتىگە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپكە بېنائەن ئۇيۇشمىمىزدىن بىر ھەيئەت تەشكىللىنىپ تۈرك تەقۋا جەمىيىتىنىڭ مەركىزىگە باردى. تەقۋا جەمىيىتىنىڭ مەركىزىدە مەھمەت قاپلان ئەپەندى غەززە سەپىرىدە بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.

سۆرەتتە: شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى، تۈرك تەقۋا جەمىيىتىدە، غەززىگە ياردەم ئۈچۈن بارغاندا ئىسرائىيل ئەسكەرلىرى تەرپىدىن بېشىدىن ئۆتكەن ئۆتمۈشلىرىنى سۆزلەۋاتقان كۈرنىشى.

 

سۆرەتتە :  تۈرك تەقۋا جەمىيىتىنىڭ مەركىزىدە مەھمەت قاپلان ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىدىن كىيىن. تۈرك تەقۋا جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى  ۋە مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن بىرگە

 

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى