ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسى دەۋرى بۆلگۈچ باسقۇچقا كىردى

2010-يىلى4-ئاينىڭ-28كۈنى
كەچ سائەت ئالتىدە شىۋېتسىيە
پارلامىنېت
بىناسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى،يىغىننىڭ ئاساسى
مەقسىتى
60
يىلدىن بىرى باسقۇنچى
خىتاي
كوممۇنىست
رىجىمى
ئاستىدا زۇلۇم
چىكىۋاتقان
شەرقى
تۈركىستانلىقلارنىڭ
ئىنسانىي
ھەق
ھوقۇقلىرىنى
قوغداش ئۈچۈن شىۋېتسىيە
پارلامىنتىدا(
ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى) نامىدا
پارلامىنېت
ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان
كۈچلۈك
بىر
گۇرۇپپىنى
قۇرۇپ چىقىش بۇلۇپ،يىغىن
پارلامىنېت
ئەزاسى ئوتتو ۋون ئارنولد ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تەرتىپلىك ئېچىلدى.

سۆرەتتە: يىغىن زالىدا شىۋېتسىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايراقلىرى
يىغىنغا
شىۋېتسىيەدىكى
تۆت چوڭ سىياسى
پارتىيەلەردىن-
ھاكىمىيەت بېشىدا
ھوقۇق
تۇتۇۋاتقان
شىۋېتسىيە
مودېرات
پارتىيىدىن
ئۈلرىكا
كارلسون
خانىم،شىۋېتسىيە
خىرىستىيان
دېموكراتلار
پارتىيىسىدىن
ئوتتو ۋون ئارنولد ئەپەندى ۋە
ئاننەلىيە
ئىنوچسون
خانىملار،شىۋېتسىيە
يېشىللار
پارتىيىسىدىن
مەمەت قاپلان ئەپەندى،شىۋېتسىيە
سوسيال دىمۇكراتلار
پارتىيىسىدىن
ئامىر
ساجىت
ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان جەمى بەش نەپەر
پارلامېنت
ئەزاسى قاتناشتى.
ئۇشبۇ يىغىنغا يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن،
شىۋېتسىيەدە
ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر
تەشكىلاتلىرىدىن
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى،شىۋېتسىيە
ياشلارئانا
تىل مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر
كومتېتىنىڭ
مەسئۇللىرىدىن
بولۇپ جەمى يەتتە نەپەر ئۇيغۇر
ۋەكىللىرىمۇ
ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

سۆرەتتە: شىۋېتسىيە خىرىستىيان دېمۇكراتىيە پارتىيىسىدىن، پارلامېنت ئەزاسى ئوتتوۋون ئارنولد ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر دوسلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى قۇرلۇش، ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەۋاتقان كۈرنىشى. ئوڭ تەرەپتە بىرىنچى ئۇرۇندا ئولتۇرغان ئوتتوۋون ئارنولد ئەپەندى. ئوتتوۋون ئارنولد ئەپەندىنىڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن كۈرنىشى.
پارلامېنت
ئەزاسى ئوتتو ۋون ئارنولد ئەپەندىنىڭ تەسىرلىك ئېچىلىش
سۆزى
بىلەن شىۋېتسىيە ۋە شەرقى
تۈركسىتان
دوستلۇقىنى
ئەكىس
ئەتتۈرىدىغان
ئۈستەل
بايراقلىرىغا
لىق تولغان
پارلامىنېت
زالدا يىغىن باشلاندى-.بىرىنچى
بولۇپ ئۇيغۇر
كومىتېتى
تەرىپىدىن
ھازىرلانغان شەرقى
تۈركىستاندىكى
زۇلۇملارنى
ئەكىس
ئەتتۈرىدىغان
5مىنۇتلۇق
ئىنگلىزچە
ھۆججەتلىك
فىلىم
كۆرسىتىلدى،.
سۆرەتتە: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات ئەپەندى. شىۋېتسىيە پارلامېنت يىغىن زالىدا ئۇيغۇر دوسلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش نۇتۇقى سۆزلىگەن كۈرنىشى. سول تەرەپتىكى بىرىنچى ئۇرۇندا ئولتۇرغان نىجات ئەپەندى.
ئىككىنچى
نۆۋەتتە
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى
سۆزگە
چىقىپ 35
مىليون
ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن،
ياۋرۇپا مىقياسىدا بەلكى دۇنيا مىقياسىدا تۈنجى بولۇپ شىۋېتسىيە
پارلامىنتىدا
قۇرۇلغان (ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى ) نىڭ
قۇرۇلغانلىقىنى
تەبرىكلىدى ۋە ئالاھىدە
مىننەتدارلىقلىرىنى
بىلدۈردى،ھەمدە
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بەزى
پارلامېنت
ئەزالىرى ۋە
شىۋېتسىيەدىكى
ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ
ئۆتكۈزگەن
2009-يىللىق
سىياسى پائالىيەت خىزمەتلىرىنى ئەكىس
ئەتتۈرىدىغان
بولۇپمۇ
5-ئىيۇل
ئىرقى
قىيىنچىلىققا
مۇناسىۋەتلىك بولغان
شىۋىسچە
ھۆججەتلىك فىلىمنى يىغىن ئەھلىگە
كۆرسەتتى.
ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان
پارلامېنت
ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا
سۆزگە
چىقىپ (ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى ) نىڭ شىۋېتسىيە
پارلامېنت
ئىچىدە
پارلامېنت
ئەزالىرى
تەرىپىدىن
قۇرۇلۇشىنىڭ
سەۋەبى ، ۋە بۇ
گۇرۇپپىنىڭ
كېلەچەك
خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالدى.
پارلامېنت
ئەزالىرىنىڭ
سۆزلىرى
ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئوتتو ۋون ئارنولد ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە( ئۇيغۇر
دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى ) نىڭ نىزامنامىسى ۋە تەشكىلى ئاپپاراتلىرى
بېكىتىلدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ ئەھەد يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت
ئەزالىرىغا 35
مىليون
شەرقى
تۈركىستانلىقنىڭ
كۈڭۈل
سوغىسى سۈپىتىدە
شىۋىسىيە
ۋە شەرقى
تۈركىستان
دوستلۇقىنى
ئەكىس ئېتىدىغان
ئۈستەل
بايرىقىدىن
ھەر
بىرىگەبىردىن
تەقدىم قىلدى.

سۆرەتتە: شىۋېتسىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ
دۆلەت بايرىقىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا تەجدىم قىلىپ بولغاندىن كىيىنكى كۈرنىشى.
ئوڭ تەرەپتىن بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغان، ئەسلى تۈركتىن بولغان شىۋېتسىيە
يېشىللار پارتىيسىدىن، پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى. ئىككىنچى
ئۇرۇندا تۇرغان شىۋېتسىيە خىرىستىيان دېموكراتىيە پارتىيىسىدىن، پارلامېنت
ئەزاسى ئاننېلى خانىم. ئوتتۇرىدا تۇرغان، شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتىيە
پارتىيسىدىن ، پارلامېنت ئەزاسى، ئامېر ساچېت ئەپەندى . تۆتىنچى ئۇرۇندا
تۇرغان، شىۋېتسىيە خىرىستىيان دېموكراتىيە پارتىيسىدىن، پارلامېنت ئەزاسى ۋە
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوسلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسىغا مەسئۇل
بولغان ئوتتوۋون ئارنولد ئەپەندى.
بەشىنچى ئۇرۇندا تۇرغان ،
شىۋېتسىيە ئوڭچى مودىرات پارتىيسىدىن، پارلامېنت ئەزاسى
ئۇلرىكا كارلسسون
خانىم

سۆرەتتە: يىغىن ئاخىردا ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومېتېتنىڭ مەسئۇللىرى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرگە دوسلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىپادىلەش كۈرنىشى.
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوسلۇق ۋە ھەمكارلىق گورۇپپىسى قۇرلۇش ۋاختىدىكى نەق مەيدان كۆرنۈشىدىن قىسقىچە بىر كۆرنۈش
ھۆرمەت
بىلەن:
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات
بۆلۈمى