شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيدۇ!!!!

11- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى بىر نەچچە دۆلەتتە رامىزان باشلاندى.

ئەلجەزىرە: ( بىر نەچچە دۆلەت ئاي كۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلىشتى).

سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىئوردانىيە، ئالجىرىيە، لىۋىيە، يەمەن، تۈركىيە، ھىندىنوسىيە، مالايسىيا، لىۋان، پەلەستىن، كۇۋەيت، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلا ۋاقىتتا 11- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى.

 

سەئۇدى ئەرەبىستان مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى ئېيىنى كۆرگەنلىك ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، دۈشەنبە شەئبان ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدىغانلىقىنى، ۋە ئەتە چارشەنبە كۈنى مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

 

قاتار دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاي كۈزىتىش گورۇپپىسى 11- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىنىڭ، بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنىسى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىئوردانىيەمۇ، ( گەرچە ئاي كۈزۈتىشكە بەلگىلەنگەن رەسمى خادىملىرى مەملىكىتى ئاسمىنىدا يېڭى بىر ئاينى كۆرمەگەن بولسىمۇ) دۈشەنبە كەچ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 11- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە رۇزا تۇتۇش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، ماراكەش ۋە ئۇممانلاردا بولسا. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاي كۆرمىگەنلىكى سەۋەبلىك 12- ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى رۇزا تۇتۇش باشلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.