شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» د ئۇ ق ھەيئىتىنى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن كۈرۈشتۈردى

 

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2011- يىلى 15—دىكابىر كۈنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى شۇنداقلا شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان يېشىللارپارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى دەرجىلىك ئەمەلدارى مەمەت قاپلان ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختىنى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن كۈرۈشتۈردى.

شىۋېتسىيە پارلامىنت بىناسىدا رەسمى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ. ئۇچرىشىشتا شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى بىتەرەپ قىلىش بۆلۈمىنىڭ بەر نەپەر رەسمى خادىمى ۋە قانۇن بۆلۈمىنىڭ يە نە بىر نەپەر خادىمى 2009 يىلىدىن بۇيان شەرقى تۈركستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن شىۋېتسىيەگە كىلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بەردى. مۇھەممەتتوختى ئەپەندى ئۇلارغا شىۋېتسىيەدە سىياسى پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قايتۇرۇلسا ئېغىر قىيىن -قىستاق ۋە تەن جازاسىغا دۇچيار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ۋە شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن شىۋېتسىيەگە كىلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئنسان پەرۋەرلىك نوقتىسىدىن جىددى قاراشنى تەلەپ قىلدى.

 

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى